Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئەنگلىيىگە قاراشلىق ھىندسىتان جەمئىيىتى
دائىرە: دۇنيا تارىخىئەنگلىيە - ھىندىستان جەمئىيىتى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ھىندىستاندىكى بېنگالنىڭ مىللىي ئىجتىمائىي سىياسىي تەشكىلاتى. 1185-يىل 10-ئاينىڭ 29-كۈنى كالكوتتادا قۇرۇلغان. جەمئىيەتنىڭ رەھبەرلىرى <ياش بېنگال> گۇرۇپپىسىدىكى بەزى مەشھۇر پائالىيەتچىلەر، مىللىي ھەرىكەتنىڭ ئوڭ قانىتى بولغان مۇتەئەسسىپ زېمىندارلار (پومېشچىكلار) ۋە سودا بۇرژۇئازىيىسىنىڭ مەنپەئىتىگە ۋەكىللىك قىلاتتى. ئۇلار سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي جەھەتتە مۇستەملىكىچىلىك تۈزۈمى بىلەن زىچ باغلانغان بولۇپ، ئەنگلىيىگە سادىق ئىدى. ئۇلارم مۆتىدىل ۋە چەكلىك بولغان ئىسلاھات تەلىپىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، تىنچ تەلەپ سۇنۇش ۋاسىتىسىنى قوللىنىپ مۇستەملىكىچى ھۆكۈمەتنى تەنقىد قىلىش بىلەن قانائەتلىنەتتى، سىنىپىي كۈرەشكە قارشى تۇراتتى. ⅩⅨ ئەسىرنىڭ 60-يىللىرىدىن باشلپ تەدرىجىي ھالدا ئۆزىنىڭ تەرەققىيپەرۋەرلىكىنى يوقاتقان. خەلق كونگېرىسى پارتىيىسى قۇرۇلغاندىن كېيىن ئۇنىڭ تەسىرىمۇ يوقالغان.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–ئۇيغۇرچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.