Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
ئەنگلىيە - بىرما ئۇرۇشى
دۇنيا تارىخى
英缅战争
yīng miǎn zhàn zhēng
ئەنگلىيە بىرمىغا تاجاۋۇز قىلغان مۇستەملىكىچىلىك ئۇرۇش. ئەنگلىيە ھىندىستاننى بېسىۋالغاندىن كېيىن، بىر مىنى ئۆزىنىڭ مۇستەملىكىسىگە ئايلاندۇرۇش، جۇڭگوغا تاجاۋۇز قىلىدىغان يولنى ئېچىش ئۈچۈن، بىرمىغا ئىلگىرى - كېيىن ئۈچ قېتىم ئۇرۇش قوزغىغان. بىرىنچى قېتىملىق ئۇرۇش (1824 - 1826) تا ئەنگلىيە ئارمىيىسى بىرما سەركەردىسى باندۇلا قاتارلىقلارنىڭ باتۇرلارچە قارشى تۇرۇشىغا ئۇچرىغان. ئاخىرىدا بىرما <يەندابو شەرتنامىسى> نى ئىمزالاشقا مەجبۇر بولۇپ، ئاراگان، تېناسسېرىم ۋە ئاسسام قاتارلىق جايلارنى بۆلۈپ بەرگەن ھەمدە ئون مىليون رۇپىيە تۆلەم تۆلىگەن. ئىككىنچى قېتىملىق ئۇرۇش (1852) تىن كېيىن ئەنگلىيە تۆۋەنكى بىرمىنى بېسىۋالغان. 1885-يىلى ئەنگلىيە تېكتونا دەرىخى دىلوسىنى باھانە قىلىپ يۇقىرى بىرمىغا ھۇجۇم قىلىپ، ئۈچىنچى قېتىملىق بىرمىغا تاجاۋۇز قىلىش ئۇرۇشنى قوزغاپ، ماندالاينى بېسىۋېلىپ، پادىشاھ تىباۋنى ئەسىرگە ئالغان. ئائۇڭزېيا سۇلالىسى مۇنقەرز بولغان. پۈتۈن بىرما ئەنگلىيىنىڭ مۇستەملىكىسىگە ئايلىنىپ، ئەنگلىيىگە قاراشلىق ھىندىستاننىڭ بىر ئۆلكىسى بولغان. لېكىن بىرما خەلقىنىڭ قارشىلىق كۆرسىتىش كۈرىشى 1895-يىلغىچە داۋاملاشقان.