Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
ئەنگلىيە - بۇرژۇئا ئىنقىلابى
دۇنيا تارىخى
英国资产阶级革命
yīng guó zī chǎn jiē jí gé mìng
پروتېستانتلار ئىنقىلابى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ⅩⅦ ئەسىردە ئەنگلىيىدە بۇرژۇئا ھۆكۈمرانلىقىنى ئورناتقان ئىنقىلاب. ⅩⅦ ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ئەنگلىيە بۇرژۇئازىيىسى ۋە يېڭى ئاقسۆڭەكلىرى بىلەن ستوئارت خاندانلىقى فېئودال مۇستەبىت تۈزۈمى ۋە ئەنگلىيە دۆلەت دىنىي جەمئىيىتى ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەت كەسكىنلەشكەن. 1628-يىلى كورۇل چارلېس Ⅰ پارلامېنت يىغىنى چاقىرىپ، مالىيە قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلماقچى بولغان. پارلامېنت ھوقۇق تەلەپنامىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، كورۇلدىن پارلامېنتنىڭ ماقۇللۇقىنى ئالماي تۇرۇپ مەجبۇرىي قەرز ئالماسلىق ۋە باج ئالماسلىقىنى تەلەپ قىلغان. چارلېس Ⅰ تەلەپنامىگە نائىلاج قول قويغان بولسىمۇ، ئۇنىڭغا ئەمەل قىلىشنى خالىمىغان. ئىككىنچى يىلى چارلېس Ⅰ پارلامېنتنى تارقىتىۋېتىپ، مۇستەبىتلىكنى يولغا قويغان ھەمدە كۈندىلىك ئىستىمال بۇيۇملىرىنى مەخسۇس سېتىش ھوقۇقىنى كۆپلەپ سېتىپ ۋە يېڭى باج يىغىپ، كىرىمىنى كۆپەيتكەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا مونارخىيىلىك ھاكىمىيەتنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن، ئەنگلىيە دۆلەت دىنىنى كۈچىنىڭ بارىچە يولغا قويۇپ، كەڭ ئاممىنىڭ قاتتىق نارازىلىقىنى قوزغىغان. 03-يىللارنىڭ ئاخىرىدا شوتلاندىيىدە خەلق قوزغىلىڭى پارتلاپ، ۋەزىيەت تېخىمۇ جىددىيلەشكەن. 1640-يىلى كورۇل چارلېس Ⅰ ھەربىي خىراجەت توپلاش ئۈچۈن، قايتىدىن پارلامېنت يىغىنى چاقىرغان. ئىككىنچى يىلى پارلامېنت پادىشاھقا <چوڭ ئېتىرازنامە> تاپشۇرغان. زىددىيەت تېخىمۇ كەسكىنلەشكەن.1642 - 1646-يىللىرى بىرىنچى قېتىملىق ئىچكى ئۇرۇش پارتلاپ، يېڭى ئاقسۆڭەكلەر ۋە ئوتتۇرا بۇرژۇئازىيىنىڭ مەنپەئىتىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان مۇستەقىلچىلەرنىڭ داھىيىسى كرومۋېل يېڭى نەمۇنىلىك ئارمىيىگە يېتەكچىلىك قىلىپ، كورۇل ئارمىيىسىنى مەغلۇپ قىلغان. لېكىن چوڭ بۇرژۇئازىيىنىڭ مەنپەئىتىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان ئاقساقاللار كورۇل بىلەن مۇرەسسەلىشىشنى كۆزلەپ، مۇستەقىلچىلەر بىلەن توقۇنۇشۇپ، ئىنقىلاب قوشۇنىنىڭ ئىچكى قىسمىدا بۆلۈنۈش پەيداق ىلغان. پادىشاھپەرەسلەر پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ 1648-يىلى ئىككىنچى قېتىملىق ئىچكى ئۇرۇش قوزغىغان. لېكىن ئۇزاق ئۆتمەيلا كرومۋېل تەرىپىدىن مەغلۇپ قىلىغان. ئەسكەرلەر ۋە خەلق ئاممىسىنىڭ كۈچلۈك بېسىمى ئاستىدا، 1649-يىل يانۋاردا چارلېس Ⅰ گە ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەن. 5-ئايدا جۇمھۇرىيەت قۇرۇلۇپ، كرومۋېل باشچىلىقىدىكى بۇرژۇئا دىكتاتۇرىسى ئورنىتىلغان، كۆپ ئۆتمەي، ئۇششاق بۇرژۇئازىيىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان باراۋەرچىلەر ۋە نامرات دېھقانلارغا ۋەكىللىك قىلىدىغان يەر قازغۇچىلار باستۇرۇلغان ھەمدەئىرلاندىيىگە يۈرۈش قىلىنىپ، يەرلىرى تالان - تاراج قىلىنغان. 1653-يىلى كرومۋېل ئۆلگەندىن كېيىن، يۇقىرى دەرىجىلىك ئوفىتسېرلار ھوقۇق - مەنپەئەت تالىشىپ، ھۆكۈمرانلار گۇرۇھى قالايمىقانچىلىق ئىچىگە چۈشۈپ قالغان. چارلېس Ⅰ نىڭ چەت ئەلگە قېچىپ كەتكەن ئوغلى پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، پادىشاھ پەرەسلەرنى توپىلاڭ كۆتۈرۈشكە قۇتراتقان ھەمدە 1660-يىلى ستۇئارت خاندانلىقىنى تىرىلدۈرگەن. 1685-يىلى چارلېس Ⅱ ئۆلگەندىن كېيىن، جامېس Ⅱ تەختكە ۋارىسلىق قىلغان. ئۇ كاتولىك دىنىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە ئۇرۇنۇپ، بۇرژۇئازىيە بىلەن يېڭى ئاقسۆڭەكلەرنىڭ مەنپەئىتىگە تەھدىت سالغان. خويگلار تورىچىلار بىلەن بىرلىكتە 1668-يىلدىكى <شەرەپلىك ئىنقىلاب> نى قوزغاپ، جامېس Ⅱ نى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، ئۇنىڭ كۈيئوغلى ۋىلگېلىمنى كورۇل قىلغان. بۇرژۇئازىيە بىلەن يەر ئاقسۆڭەكلىرىنىڭ مەنپەئىتىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان ئاساسىي قانۇنلۇق پادىشاھلىق تۈزۈمدىكى ھاكىمىيەتنى ئورناتقان. بۇ قېتىمقى ئىنقىلاب قويۇق مۇرەسسەچىلىك ۋە مۇتەئەسسىپلىك خاراكتېرگە ئىگە بولغان، فېئودال كۈچلەرنى پاچاقلاپ تاشلاشتا ئۈزۈل -كېسىل بولمىغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇ دۇنيا بۇرژۇئا ئىقىلابىنىڭ يېڭى دەۋرىنى ئاچقان. شۇڭا تارىخ ساھەسىدىكىلەر ئادەتتە 1640-يىلىنى دۇنيا يېقىنقى زامان تارىخىنىڭ باشلىنىشى دەپ ھېسابلايدۇ.