Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئەندىشە
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
پىكىر، ئوي، خىيال، مۇلاھىزە.
خەۋپ، قورقۇنچ.
مەقسەت، قەست:
3. ئالىپ قولغە مىتىن بىلەن تىشەنى،
شۇ ئاچماق ئۈچۈن قىلدى ئەندىشەنى
ئا. نىزارى.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
ئويلاش، پىكىر قىلىش، قايغۇرۇش، غەم.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئىش - ھەرىكەتنىڭ ئاقىۋىتى ئۈستىدە قىلنغان ئوي، غەم.
ئەندىشىنىڭ بىر ئېتى قورقاق. خاتىرجەم بولار پېقىر ۋە دەرۋىش، پۇل بىلەن ئۇلغىيار خىيال، تەشۋىش. ۋەھىمە باسسا ئۇيقۇ قاچار.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
پارىسچە
غەم، تەشۋىش، خفتىرجەمسىزلىك.
ئەندىشە قىلماق. ئەندىشىگە چۈشمەك.