Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئەندىك
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
ئەندىك ئەر _ ئەندىك ئادەم، ئۆندەرىگەك ئادەم. ماقالدا مۇنداق كەلگەن: ئەندىك ئۇما ئەۋلىكنى ئاغىرلار _ ئەندىك مېھمان ئۆي ئىگىسىنى ھۆرمەتلەر. بۇ ماقال بىلەن ئەسلى مېھمان ھۆرمەتلىنىشى كېرەكلىكى تەكىتلىنىدۇ. شېئىردا مۇنداق كەلگەن:
ئەندىك كىشى تەتىلسۈن
ئېل تۆرۈ يەتىلسۈن
توقلى بۆرى قاتىلسۇن
قازغۇ يەمە ساۋىلسۇن
{ئەخمەق ھۇشىنى تاپسۇن،
ئەلدە تۈزۈم يېتىلسۇن،
توقلا، بۆرە قېتىلسۇن،
قايغۇ يەنە تۈگىسۇن.}
قىلىچىمىز بىلەن شۇنداق يول ئاچايلىكى، ئۆندەرىگەكلەر ھۇشىنى تاپسۇن، ئەلنىڭ ئىشى تۈزەلسۇن، توقلىلار بىلەن بۆرىلەر خاتىرجەم بىللە ياشايدىغان بولسۇن، بىزدىن غەم - قايغۇ كەتسۇن.
1 - 143