Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئەلكۈن
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
جامائەت، خالايىق، جەمئىيەت، يۇرت، كۆپچىلىك، ئامما.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
مەلۇم دائىرىدىكى ھەممەيلەن.
«كۆپ»، «خەلقى ئالەم» شەرتلىك ھالدا «كۆپچىلىك» كە مەنىداش؛ قاراتما سۆز بولالمايدۇ، خىتاب قىلىنمايدۇ؛ بۇ قاتاردىكىلەر ھەممىسى كۆپلۈك قوشۇمچىسىنى ئالمايدۇ.
كۆپچىلىك ئاتقان تاش يىراققا چۈشىدۇ. كۆپ تۈكۈرسە كۆل بولار. كۆپنىڭ كۈچى كۆپ. خالايىق كۆرسۇن ۋە بىر نېمە دېسۇن. جامائەتكە ھۆرمەت قىل. جامائەتنىڭ ئىشەنچىگە ئېرىشەلىگەن كىشى ئەك بەخىلىكتۇر. ئەكبەرنى خەلقى ئالەم ئالدىدا رەسۋا قىلما.
شىۋىلەر
قۇمۇل شىۋىسى
ئامما، خالايىق، جامائەت. مەسىلەن: ئەلكۈن ئالدىدا سەتچىلىككە قالىدىغان ئىشنى قىلمايلى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
جامائەت، خالايىق، يۇرت ئەھلى.
ئەگەر بۇ ئىشنى ياخشى ئورۇندىمىساڭ ئەلكۈننىڭ ئالدىدا خىجالەتچىلىكتە قالىمىز.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
قىز - ئاياللارغا خاس ئىسىم
خەلق، قەبىلە
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
قولى ئوچۇق ۋە سېخىي، مەرد - مەردانە كىشى.