Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئەل كافى فى ئىلمىددىن
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
شىئە مەزھىپى ھۆرمەت قىلىدىغان تۆت ھەدىس شېرىپنىڭ بىرى. بۇنىڭغا 16099 ھەدىس توپلانغان. بۇ ھەدىسلەرنىڭ ئىچىكىدى 572 ھەدىسنى كېيىنكى ئۆلىمالار ئىشەنچلىك ھەدىس دەپ قارىغان. بۇ ھەدىسلەرنى مۇھەممەد بىننى يەئقۇب كۇلاينى (؟ - 939 ياكى 940) توپلاپ، 30 يىلدا پۈتتۈرگەن. 1312 - يىلىدىن 1318 - يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا تېھراندا نەشر قىلىنغان. خەلىل بىننى غازى قازۋىنى 1647 - يىلى مەككىدە نەشر قىلىنغان <شافى> دە بۇ كىتابنى ئاممىباب تەپسىر قىلغان. شۇنىڭ بىلەن بىللە، <ئەششافى> نامىدا پارسچە نەشر قىلدۇرغان.