Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئەدەبىي تىل
ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى
ئومۇم خەلق تىلىغا ئاساسلانغان، گرامماتىكا ۋە ئومۇمىي ئەدەبىي تەلەپپۇز قائىدىسىگە ئىگە بولغان، بۇ قائىدىلەر ئارقىلىق جانلىق تىلدىكى ھەر خىللىقلارنى بىر خىللىققا ئېلىپ كەلگەن پەن ۋە ئەدەبىيات تىلى، يەنى بىرەر خەلق يېزىقىنىڭ مەتبۇئات تىلى. بەزىدە شۇ بىر خىل يېزىق بىر قانچە مىللەت خەلقى ئۈچۈنمۇ ئورتاق بولۇشى مۇمكىن؛ رەسمىي ئىش قەغەزلىرى، ئىدارە - مەكتەپلەردىكى دەرسلىك تىلى، پەن - تېخنىكا، پۇبلىتستىكا، بەدىئىي ئەدەبىيات تىلى، سۆز شەكلىدە، يازما ۋە ئاغزاكى شەكىللەردە ئىپادىلىنىدىغان مەدەنىيەتنىڭ بارلىق كۆرۈنۈشلىرى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئەدەبىيات
بەلگىلىك بىر مىللەت خەلقىنىڭ ئېغىز تىلنى ئاساس قىلىپ ئۇزاق تارىخىي دەۋر جەريانىدا شەكىللەنگەن، پىششىقلانغان، قېلىپلاشتۇرۇلغان ھەمدە ئەدەبىي ئەسەرلەر، گېزىت - ژۇرناللار، كىتاب، ماتېرىياللار، خەت - ئالاقە ۋە رادىئولاردا ئىشلىتىلىدىغان ئورتاق تىلى.