Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئەدەبىي تەسىر
ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى
بىر يازغۇچىنىڭ دۇنيا قارىشى ۋە ئىجادىي ئۇسۇللىرىنىڭ باشقا بىر يازغۇچىنىڭ ئىجادىغا بولغان تەسىرى. ھېچقانداق يازغۇچى ئۆز ئىجادى بىلەنلا ئەدەبىي ھەرىكەتنى باشتىن ئاياغقىچە يەككە ئېلىپ بارالمايدۇ. بەلكى ئىلگىرى ئۆتكەن يازغۇچىلارنىڭ ئىلغار ئەنئەنىلىرىنى ئۆگەنگەن ھالدا يېڭى ئەسەرلەر يارىتىشقا كىرىشىدۇ. كۆپىنچە، ئۆزىدىن ئىلگىرى ئۆتكەن ياكى ئۆزىگە زامانداش مەشھۇر شائىر، يازغۇچىلارنىڭ ئىلغار پىكىر ۋە ئىجادىيەت ئۇسۇللىرى يېزىقچىلىق بىلەن شۇغۇللانغۇچى ئەۋلادلار ئۈچۈن ماھارەت مەكتىپى بولۇپ قالىدۇ.