Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
ئىبنى خەللىككان
دۇنيا تارىخى
伊本.赫里康
yī běn .hè lǐ kāng
(1211 - 1282) ئەرەب تارىخشۇناسى. ئىراقنىڭ شىمالىدىكى ئەرەبىلىدە تۇغۇلغان. ھەلەب ۋە دەمەشقتە ئوقۇغان. مىسىر باش قازىسىنىڭ ياردەمچىسى بولغان. 1261 - يىلى سۈرىيىگە باش قازى بولغان. <ئادەم ئىسىملىكى لۇغىتى> دېگەن ئەسىرىگە ئىسلام دىنىدىكى مۇھىم شەخسلەردىن 586 كىشى كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، ئۇ تەكشۈرۈپ بېكىتىشنىڭ پۇختا، پاكىتنىڭ توغرا بولۇشى بىلەن كېيىنكىلەر تەرىپىدىن تەرىپلىنىپ، شۇ چاغدىكى ئەڭ ياخشى ئادەم ئىسىملىكى لۇغىتى دەپ قارىلىپ، يېقىن شەرقنىڭ ئىقتىسادىي، سىياسىي ۋە مەدەنىيەت تۇرمۇشىنى تەتقىق قىلىشتا مول ۋە مۇھىم ماتېرىيال يەتكۈزۈپ بەرگەن.