Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئىبنى ھەزم
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
(ئەلى بىننى ھەزىم، 994 - 6410) ئىسپانىيىدە ئۆتكەن ئىسلام مۇتەپەككۇرى، مۇتەكەللىمۇن. كوردوۋالىق. ياشلىق دەۋرىدە ئىسپانىيدىكى كېيىنكى ئۇمەۋىيە سۇلالىسىدا ۋەزىر بولدى. كېيىن خىزمىتىدىن چېكىنىپ خىلۋەتچىلىكتە ياشاپ، ئەسەر يېزىش بىلەن شۇغۇللاندى. ئىلمىي فىقھە ۋە ئىلمىي تەۋھىد جەھەتتە <قۇرئان كەرىم> ۋە ھەدىسنىڭ زاھىر مەنىسىنى ئاساس قىلىشقا بولىدۇ، دەپ قارىدى. 400 خىلدىن ئارتۇق ئەسەر يازدى. بۇ ئەسەرلەر ئىلمىي تەۋھىد، تارىخ، ئىلمىي ھەدىس، لوگىكا، شېئىرىيەت قاتارلىق جەھەتلەرگە چېتىلدى. ئۇنىڭ ھازىرغىچە ساقلانغان <مەزھەپلەر ۋە بىدئەتلىك توغرىسىدىكى تەنقىد> ناملىق ئەسىرى، <شاتۇتنىڭ چەمبىرى> قاتارلىقلار مۇئەييەن قىممەتكە ئىگە.