Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئىبنى فارىز
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
(1181 - 1235) يەنە بىر ئىسمى ئۆمەر بىننى ئەلى شەرەفىددىن مىسىرى سەئدى. ئىسلام دىنىدىكى تەسەۋۋۇپچى شائىر. ئانا يۇرتى سۈرىيە. قاھىرەدە دۇنياغا كەلدى. ياش چاغلىرىدا شافىئىي فىقھەسىنى ۋە ھەدىسنى ئۆگەندى. كېيىن تەسەۋۋۇپچىلىققا ئۆزگەردى. مىسىرنىڭ شەرقىي قىسىمدىكى تاغ ئىچىدە كۆپ يىل پىنھان ياشاپ، <ئەۋلىيا> دەپ ئاتالدى. ۋاپات بولغاندىن كېيىن، مۇقەتتەمگە دەپنە قىلىندى. كىشىلەر ھازىرمۇ ئۇنىڭ قەبرىسىنى يوقلاپ تۇرىدۇ. ئىبنى فارىز ئەسەرلىرىدە <مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ نۇرى> نى كۈچەت تەرغىپ قىلىپ، ئاللا بىلەن قوشۇلۇپ كېتىش ئۈستىدە ئىزدەندى. ئۇنىڭ شېئىرلىرى تەسەۋۋۇپ تۈسى بىلەن تولدى. شېئىرلىرى مۇئەييەن ئەرەب ئەدەبىياتى تۈسىگە ئىگە بولۇپ، تەسەۋۋۇپچىلارنىڭ دىنىي مۇراسىملىرىدا ساز تەڭكەش قىلىپ ئېيتىلىدۇ. <ھەج قىلغۇچىنىڭ مۇساپىسى> ناملىق 760 مىسرالىق داستاندا ئۆزىنى زىيارەت چەككۈچى سۈپىتىدە تەسۋىرلىگەن. بۇ ئەسەر تەسەۋۋۇپچىلار تەرىپىدىن كلاسسىك ئەسەر، دەپ ھۆرمەتلىنىدۇ.