Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئازەر
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
ئوت، ئالاۋ.
قەۋس ئېينىڭ يەنە بىر خىل نامى.
ئىبراھىم پەيغەمبەرنىڭ ئاتىسى بۇتتاراش بۇت ياسىغۇچى ئازەر.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
ئوت، يالقۇن: ئازەرپەرەس - ئۆتپەرەس، ئوتقا چوقۇنغۇچى.
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
(1) قۇرئاندا تىلغا ئېلىنغان شەخس بولۇپ، رىۋايەت قىلىنىشىچە، ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ دادىسى، بۇدقا سەجدە قىلىدىغان ئادەم. ئۇنىڭ ئوغلى بىر ئىلاھ ئاللاغا ئىمان ئېيتىپ، بۇدلارنى چېقىۋەتكەندىن كېيىن، ئوغلىنىڭ نەسىھىيتىگە قۇلاق سالماي، داۋاملىق بۇدقا چوقۇنغان. بىر ئىلاھ - ئاللاغا ئىمان ئېيتمىغان. قوۋمىدىكىلەر ئىبرھىمنى ئوتقا تاشلىغاندا توسمىغان. ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنى ئاللا ئۆز پاناھىدا ساقلىغانلىقتىن ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامغا زىيان - زەخمەت يەتمىگەن. كېيىن ئوغلىنى تۇرار جايدىن قوغىلىۋەتكەن. (2) پارسچە «ئادزار » ياكى «ئاتۇر» نىڭ ئاھاڭ تەرجىمىسى بولۇپ، «ئوت» دېگەن مەنىنى بىلىدۈرىدۇ. زاراتوسترا دىنى ئېيتىقاد قىلىدىغان مۇقەددەس ئوت ئىلاھى كۆزدە تۇتۇلۇپ، ئىلاھ ئاھۇرامازدانىڭ ئوغلى دەپ ھۆرمەتلىنىدۇ. قەمەرىيە 9 - ئاينىڭ ۋە ھەر ئايدىكى 9 - كۈننىڭ باشپاناھلىق ئىلاھى ھېسابلىنىدۇ.