Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئازوتلۇق ئوغۇتنىڭ ئۈنۈمىنى ئاشۇرغۇچى ماددا
بىئولوگىيە
بۇ بىر خىل نىتراتلىشىشنى تورمۇزلىغۇچى ماددا. نىتراتلىشىش ئازوتلۇق ئوغۇتنىڭ تۇپراقتا ساقلىنىشى ئۈچۈن پايدىسىز. چۈنكى ئاممۇنىي ھالىتىدىكى ئازوت نىترات كىسلاتا تۇزىغا ئايلانغاندىن كېيىن، ناھايىتى ئاسانلا سۇدا ئېرىپ ئېقىپ كېتىدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان كەشىپ قىلىنغان ئازوتلۇق ئوغۇتنىڭ ئۈنۈمىنى ئاشۇرغۇچى ماددا نىتراتلىشىشنى تورمۇزلاش ئارقىلىق تۇپراقتىكى ئازوت ئېلېمېنتىنىڭ ئېقىپ كېتىشىنى ئازايتىپ، ئازوتلۇق ئوغۇتنىڭ پايدىلىنىش ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈردى.