Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
ئائۇڭزېيا خاندانلىقى
دائىرە: دۇنيا تارىخى雍籍牙朝
yōng jí yá cháo
<كونبائوڭ خاندانلىقى>ياكى <شۋېبو خاندانلىقى> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بىرمىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى فېئودال خاندانلقى. 1752-يىلى ئائۇڭزېياشۋېبودا قۇرغان. 1753-يىلى ئاۋانى ئىشغال قىلغان. يۇقىرى بىرمىنى تىزگىنلىۋالغاندىن كېيىن، 6175-يىلى يەنە سورىيامنى ئالغان. 1757-يىلى مونىسلارنىڭ پايتەختى پېگونى ئىشغال قىلىپ، بىرمىنى يەنە بىر قېتىم بىرلىككە كەلتۈرگەن. پايتەختى شۋېبو،ⅩⅧ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىدىن كېيىن، دۆلەت قۇدرەت تېپىپ، سىيام (بۈگۈنكى تايلاند)غا كۆپ قېتىم تاجاۋۇز قىلغان ھەمدە جوڭگونىڭ چىڭ سۇلالىسى بىلەن جەڭ قىلغان.1785-يىلى ئاراكاننى قوشۇۋالغان. ياۋرۇپا مۇستەملىكىچىنىڭ تەسىر كۈچلىرىنىڭ تاجاۋۇزچىلىقى كەسكىنلەشكەن. ئەنگىلىيە مۇستەملىكىچىلىرى بىرمىغا قارشى ئۈچ قېتىملىق تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشى ئارقىلىق، 1885-يىلى بىرمىنى بېسىۋالغان خاندانلىق مۇنقەرز بولغان.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–خەنزۇچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.