Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
ئائۇڭ سان
دائىرە: دۇنيا تارىخى昂山
áng shān
(1915-1947)يەنە بىر ئىسمى تاكىن ئائۇڭ سان. بىرما مۇستەقىللىك ھەرىكىتىنىڭ داھىيىسى. ماگۋې ناھىيىسىدە تۇغۇلغان. رانگون ئۇنۋېرستېتىدا ئوقۇغان. ئوقۇۋاتقان مەزگىلدە ئەنگىلىيەگە قارشى سىياسىي ھەركەتكە قاتناشقان. بىرما كومپارتىيىسىنىڭ قۇرغۇچلىرىدىن بىرى. 1938-يىلى تاكىن پارتىيىسىگە كىرگەن. 1939-1940-يىللىرى بۇ پارتىيىنىڭ سىكرىتارى بولغان، شۇنىڭ بىلەن بىرۋاقىتتا بىرما كومپارتىيىسىنىڭ سىكرىتارى بولغان. 1939-يىلنىڭ ئاخىرىدا تايلاندتا بىرما مۇستەقىل ئارمىيىسىنى تەشكىللەپ، باش قوماندانلىقنى ئۈستىگە ئالغان. 1942-يىلى بىرمىغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن رەئىس بولغان. 1944-يىلى <بىرما فاشىستلارغا قارشى خەلق ئەركىنلىك ئىتتىپاقى> قۇرۇلغاندىن كېيىن رەئىس بولغان. 1945-يىلى 3-ئايدا مەملىكەت كۆلەملىك قوراللىق قوزغىلاڭغا رەھبەرلىك قىلغان. 5-ئاينىڭ 1-كۈنى پايتەخت رانگوننى قايتۇرۋالغان ھەمدە ياپۇن باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشنىڭ ئاخىرقى غەلبىسىنى قولغا كەلتۈرگەن. 1947-يىلى بىرما ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتىنىڭ زۇڭلىسى بولغان، شۇيىلى 7-ئايدا يوشۇرۇن ئۆلتۈرۈلگەن. <1947-يىلدىكى ئىيۇل پاجىئەسى>گە قاراڭ.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–خەنزۇچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.