Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئاخىرەت سورىقى
بىئولوگىيە
<ئاخىرەتكە ئىمان كەلتۈرۈش> نىڭ مەزمۇنلىرىدىن بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئاللانىڭ مەھشەرگاھدا ئىنساندىن ئالىدىغان ئومۇمىي ھېساباتنى كۆرسىتىدۇ. قىيامەت بولغاندا ئىنساننى بىر يەرگە توپلاپ، مەھشەرگاھدا ئىنسان سوراق قىلىنىدۇ. ھەربىر ئادەم قولىدا ئۆز قىلمىشىنىڭ ساۋاب ۋە گۇناھلىرى يېزىلغان دەپتەرنى تۇتۇپ، ئاللانىڭ ئالدىدا يۈكۈنۈپ تۇرۇپ، بىر - بىرلەپ سوراق قىلىنىدۇ ھەمدە <تارازا> دا ئۆلچەپ كۆرۈلىدۇ. <قۇرئان كەرىم> دە مۇنداق دېيىلىدۇ: <بۇ كۈندە ئىنسانغا (چوڭ بولسۇن، كىچىك بولسۇن، ياخشىلىق بولسۇن، يامانلىق بولسۇن) ئىلگىرى - ئاخىر قىلغان ئەمەللىرى ئۇقتۇرۇلىدۇ> (75 - سۈرىنىڭ 13 - ئايىتى). ئاندىن كېيىن سوراق قىلىنغانلار دوزاختىن ئۆتۈپ جەننەتكە كىرىدىغان پىلسىرات كۆۋرۈكىدىن ئۆتىدۇ. ئاللانىڭ بىرلىكىگە ئىمان كەلتۈرگەن ھەمدە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلار پىلسىراتتىن ئامان - ئېسەن ئۆتۈپ، جەننەتكە كىرىدۇ؛ ئاللاغا ئىمان كەلتۈرمىگەن ۋە يامانلىق قىلغانلار دوزاخقا چۈشۈپ كېتىدۇ.