Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئاخىرەتنامە
دۇنيا تارىخى
قەدىمكى مىسىرلىقلار ئۆلگەن كىشىگە تەقدىم قىلىدىغان بىر خىل تۇمار. ئۇنىڭغا ئەپسۇن، دۇئا ۋە ئىلاھقا بولغان مەدھىيە يېزىلغان. ئادەتتە پاپروس قەغەزگە پۈتۈلۈپ، قەبرىگە قويۇپ قويۇلغان بولۇپ، ئۆلگەن كىشىنىڭ ئۇ دۇنيادىكى «كۈندۈزلۈك يول خېتى» قىلىنغان. رىۋايەت قىلىنىشىچە ئۇ ئۆلگەن كىشىنىڭ ئاخىرەتتە تىنچ ۋە بەختلىك بولۇشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلارمىش ھەمدە تەڭرى ئوسىرىسنىڭ سوراقلىرىغا ئوڭۇشلۇق تاقابىل تۇرالارمىش. ئاخىرەتنامىنىڭ كۆپىنچىسى 18-سۇلالە دەۋرى (تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىرى 1567 - 1320) دىكى تېبېس كاھىنلىرى ۋە ئاقسۆڭەكلىرىنىڭ قەبىرىسىدىن تېپىلغان بولۇپ، بۇنىڭغا كۆپىنچە ناھايىتى نەپىس سىزىلغان ئاخىرەتنىڭ مەنزىرىسى قوشۇمچە قىلىنغان. ئاخىرەتنامە قەدىمكى مىسىر تارىخىنى، بولۇپمۇ دىن تارىخىنى تەتقىق قىلىشتا مۇھىم ماتېرىيال ھېسابلىنىدۇ.