Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئاۋېرېسكۇ
دۇنيا تارىخى
(1859 - 1938) رومىنىيە باش ۋەزىرى (1920 - 1921، 1926 - 1927) ۋە مارشالى. ئىزمىردىكى پومېشچىك ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان. 1866-يىلى تۈركىيە قۇرۇقلۇق ئارمىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرگەن، 1877 - 1878- يىللىرىدىكى روسىيە - تۈركىيە ئۇرۇشىغا قاتناشقان. 1895 - 1898-يىللىرى رومىنىيىنىڭ بېرلىندا تۇرۇشلۇق ھەربىي ئەمەلدارى بولغان. 1907 - 1909-يىللىرى ھەربىي ئىشلار ۋەزىرى بولغان مەزگىلدە ۋالاخىيە ۋە مولداۋادىكى دېھقانلار قوزغىلىڭىنى باستۇرغان. 1911-يىلى باش شتابىنىڭ ئەمەلدارى بولغان. ئىككىنچى قېتىملىق بالقان ئۇرۇشىدا بولغارىيە ئارمىيىسىگە قارشى ئۇرۇشقا قوماندانلىق قىلغان. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ دەسلىپىدە كورپۇس قوماندانى بولغان، كېيىن قۇرۇقلۇق ئارمىيىسىگە قوماندانلىق قىلىشقا مەسئۇل بولغان. 1919-يىلى ئىچكى ئىشلار ۋەزىرى بولغان. باش ۋەزىر بولۇپ تۇرغاندا 1920-يىلىدىكى مەمىلكەت كۆلەملىك ئومۇمىي ئىش تاشلاشنى باستۇرۇپ، ئىشچىلار ۋە دېھقانلار ھەرىكىتىگە قارشى بولغان بىر قاتار پەرمانلارنى ئېلان قىلغان. 1920-يىلى خەلق ئىتتىپاقىنى مىللىي پارتىيىگە ئۆزگەرتكەن. ئۇنىڭ پروگراممىسى لىبېراللار پارتىيىسىنىڭكىگە يېقىنلاشقان ھەمدە بۇ پارتىيىنىڭ رەھبىرى بولغان. 30-يىللاردا گېرمانىيە فاشىستلىرى بىلەن ئىتتىپاق تۈزگەن.