Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئاۋېنانما تاقىم ئاراللىرى مەسىلىسى
دۇنيا تارىخى
<ئالاند تاقىم ئاراللىرى مەسىلىسى> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بۇ ئارال فىنلاندىيە تىلىدا Ahvenanmaa، xwets شۋېتسىيە تىلىدا Alands ديىلىدۇ، ئۇ بالتىق دېڭىزىدىكى فىنلاندىيە بىلەن شۋېتسىيە ئوتتۇرىسىغا جايلاشقان تاقىم ئارال. يەر مەيدانى 1481 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ. تەخمىنەن 22 مىڭ ئاھلىسى بار. تەخمىنەن 300 ئارالنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، تاغ جىنسلىرى 6000 دىن ئاشىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە ئاھالە ئولتۇراقلاشقانلىرى يۈزگە يەتمەيدۇ. ئاھالىسى پۈتۈنلەي دېگۈدەك شۋېتسىيە تىلىدا سۆزلىشىدۇ. ئەسلى شۋېتىسيىگە قاراشلىق بولغان. 1809-يىلى فىنلاندىيە بىلەن بىرگە روسىيىگە بۆلۈپ بېرىلگەن، مەمۇرىي رايون جەھەتتە فىنلاندىيە بىلەن ئالاقە باغلىغان. فىنلاندىيە 1917-يىلى روسىيىدىن قۇتۇلۇپ مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن، ئارالدىكى خەلقلەر شۋېتسىيە تەرەپكە ئۆتۈش ھەرىكىتىنى ئېلىپ بارغان. فىنلاندىيە بىلەن شۋېتسىيە بۇ ئىش ئۈستىدە تالاش - تارتىش قىلغان. 1921-يىلى خەلقئارا ئىتتىپاق بۇ مەسىلىنى كېلىشتۈرۈپ، تاقىم ئاراللىرىنىڭ زېمىن ئىگىلىك ھوقۇقى فىنلاندىيىگە قاراشلىق بولىدۇ. لېكىن، ئارالدىكى خەلقنىڭ ئاپتونومىيە ھوقوقىدىن بەھرىمان بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىنىدۇ. تاقىم ئاراللىرى بىتەرەپ، ھەربىي ھەركەتسىز رايون قىلىنىدۇ ھەمدە ساياھەت قىلىدىغان مەنزىرىلىك جايغا ئايلاندۇرۇلىدۇ، دەپ بەلگىلەنگەن.