Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
ئاتىلىق - ئانىلىق گۈلى بىر تۈپتە بولغان ئۆسۈملۈك
بىئولوگىيە
雌雄同株
cíxióngtóngzhū
تاق جىنىسلىق گۈلى بار ئۆسۈملۈكنىڭ بىر تۈپىدە ئاتىلىق گۈلىمۇ، ئانىلىق گۈلىمۇ بولۇش ھادىسىسى. مەسىلەن، كاۋا، كۆممىقوناقنىڭ ئۇچىدا ئاتىلىق گۈل رېتى، يوپۇرماق قولتۇقىدا ئانىلىق گۈل رېتى ئۆسىدۇ. ئابدىمىلىكنىڭ كونۇسسىمان گۈل رېتىدە ئانىلىق گۈلى ئۇچىدا، ئاتىلىق تۆۋەنكى قىسىمىدا ئۆسىدۇ. باناننىڭ گۈل رېتىدە ئاتىلىق گۈل ئۈستى تەرەپتە، ئانىلىق گۈل ئاستى تەرەپتە ئۆسىدۇ.