Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئاتالغۇ
مەنىداش سۆزلۈكلەر
پەن - تېخنىكا ۋە ئومۇمەن تىلدا ئىشلىتىلىدىغان مەخسۇس سۆز. «ئاتالغۇ» ، «ئاتالما» لار ئومۇمىي ئىسملىك سۆزلەر. «تېرمىن» پەن - تېخنىكىدا ئىشلىتىلىدۇ، مەخسۇسلۇقى كۈچلۈك بولىدۇ.
پەلسەپە ئاتالغۇلىرى؛ قانۇن ئاتالمىلىرى. ئاتالغۇ مەسىلىسى ھازىرمۇ ئۇيغۇر تىلىدىكى مۇھىم مەسىلىلەرنىڭ بىرى. تېرمىننى قالايمىقان ئىشلىتىشكە، قالايمىقان تەرجىمە قىلىشقا بولمايدۇ. بولمىسا، ئۇقۇمدا خاتالىققا يول قويۇلىدۇ. قانۇندىكى ئاتالغۇلار ئېنىق بولۇشى كېرەك.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
بىرەر ساھەدە، مەلۇم بىر نەرسىنىڭ نامىنى بىلدۈرۈپ كېلىدىغان ئىسىم ياكى ئىسىم خاراكتېرلىك سۆز ۋە ياكى سۆز بىرىكمىسى.
ماتېماتىكا ئاتالغۇلىرى، خىمىيە ئاتالغۇلىرى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
دىئال. ئات تۇرۇشقا ئىشلىتىلىدىغان ئارغامچا؛ سالما.