Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئاتا كۆرگەن ئانا كۆرگەن
ئۇيغۇر تىلىدىكى تۇراقلىق ئىبارىلەر
«ئاتا كۆرگەن - ئانا كۆرگەن» بۇ (1) ئەخلاق - پەزىلەتلىك، قائىدە - يوسۇنلۇق، قابىلىيەتلىك، ياخشى تەربىيىلەنگەن، دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ: ئاتا كۆرگەن ئوقيا ياسار، ئانا كۆرگەن كىيىم پىچار.(2) ئاتا - ئانىلار بىلەن بىر زاماندا ياشىغان، بىللە، يېقىن ئۆتكەن، بىرى - بىرىنى چۈشىنىدىغان، دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ: بىز قادىر بىلەن ئاتا كۆرگەن - ئانا كۆرگەنلەردىن بولغاچ، ئالاقىمىز قويۇق.