Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئاتاⅠ
ئاتاⅠ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① بالىلىق ياكى بالىسى بار ئەر كىشى:[مىسال:] ئۆز ئاتا. ئۆگەي ئاتا. * ئاتىسى ئاتالمىغان قوڭغۇزنى، بالىسى ئېتىپتۇ توڭگۇزنى (ماقال). * ئاتا بولماي ئاتا قەدرىنى بىلمەس (ماقال).[يەشمىسى:] ② يېشى چوڭ كىشىلەرنى ھۆرمەتلەش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ:[مىسال:] ئاتىلار سۆزى-ئەقىلنىڭ كۆزى (ماقال).[يەشمىسى:] ③ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] بىرەر ئىش-ھەرىكەتنى باشلاپ بەرگەن، ئۇنىڭغا ئاساس سالغان ياكى شۇ ئىش-ھەرىكەتنى باشقۇرىدىغان ھۆرمەتلىك كىشى:[مىسال:] لوقمان-دىنىي رىۋايەتلەردە تېبابەتنىڭ بىرىنچى ئاتىسى، دەرىجىدىن تاشقىرى ماھىر ھۆكۈما دەپ قارىلاتتى.[يەشمىسى:] ④ بەزى رايونلارداⅢشەخس ئىگىلىك قوشۇمچىسى (-سى) قوشۇلغاندا خوتۇنلارنىڭ ئۆز ئېرىنى ئاتاپ چاقىرىشىنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] − ھەي ئاتىسى، جۈمە ۋاقتى بولۇپلا قالدى، − دېدى ئۇ خوتۇن ئېرىگە.