Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئاتا ئانا ئورنىدا ۋارىسلىق قىلىش
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
بۇ سۆز ئەرەبچە <تەنزىل> دېيىلىپ، ئالدىنقى رەتتىكى ۋارىسنىڭ ۋارىسلىقى باشلىنىشتىن ئىلگىرى ئۆلۈپ كەتسە ياكى ۋارىسلىق ھوقۇقىدىن ئايرىلىپ قالسا، ئۇ ئالىدىغان مىراس نېسىۋىسىگە قانداش بىۋاسىتە تۇغقانلارنىڭ ۋاكالىتەن ئىگە بولۇشى كۆزدە تۇتۇلىدۇ. ئەنئەنە جەھەتتە شەرىئەت بۇنداق ئۆزگىرىش پرىنسىپىنى ئىنكار قىلىدۇ. يېقىنقى زاماندا شەرىئەت ئىسلاھاتى ئارقىلىق، ئاز ساندىكى دۆلەتلەر (مەسىلەن، پاكىستان، مىسىر، تۇنىس قاتارلىقلار) نىڭ مۇناسىۋەتلىك قانۇنلىرىدا چەكلىك ئېتىراپ قىلىندى. يېتىم نەۋرە پەرزەنتلەر ئاتا - ئانىسىنىڭ نامىدا بوۋىسى، مومىسىنىڭ مىراسىغا ۋارىسلىق قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە ئىكەنلىكى ئېتىراپ قىلىندى.