Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئاستۇرىياس پادىشاھلىقى
دۇنيا تارىخى
ئىبېرىيە يېرىم ئارىلىنىڭ غەربىي شىمالىدىكى ئاستورىياس رايونىدىكى فېئودال پادىشاھلىق. مىلادى 718-يىلى غەربىي گوتلارنىڭ يولباشچىسى پېلايو (؟ - تەخمىنەن 737) ئەرەبلەرنى مەغلۇپ قىلغاندىن كېيىن قۇرغان دۆلەت. پايتەختى ئوۋېيدو. ئالفونسۇ Ⅱ تەختتە ئولتۇرغان مەزگىلدە (791 - 842) فرانكلار بىلەن بىرلىشىپ ئەرەبلەر بىلەن جەڭ قىلىپ، زېمىنىنى غەربىي جەنۇبقا كېڭەيتكەن. ئالفونسۇ Ⅲ تەختتە ئولتۇرغان مەزگىلدە (866 - 909) داۋاملىق غەربىي جەنۇبقا كېڭەيمىچىلىك قىلغان. 910-يىلى پادىشاھلىق لىئون، گالتسىيە ۋە ئاستۇرىياستىن ئىبارەت ئۈچ كىچىك پادىشاھلىققا بۆلۈنۈپ كەتكەن. 914-يىلى لىئون گالتسىيە بىلەن بىرلەشكەن. 924-يىلى لىئون، گالتسىيە يەنە ئاستۇرىياس بىلەن بىرلىشىپ، لىئون پادىشاھلىقى دەپ ئاتالغان.