Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئاستىلاتماق
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
سۈرئەتنى تۆۋەنلەتمەك، پەسەيتمەك.
تېزلەتمەك، چاپسانلاتماق، ئىتتىكلەتمەك، ئىلداملاتماق
سۈرئەتنى ئاشۇرماق، ئۆرلەتمەك.
شوپۇر شەھەرگە كىرگەندە، سۈرئەتنى ئاستىلاتتى. قازاق يىگىت ئېتىنى ئاقىرىنلاتتى. سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇشنىڭ سۈرئىتىنى مۇۋاپىق تېزلىتىش كېرەك. بول، كەچ قالىمىز، قەدىمىڭنى چاپسانلات. ماشىنىنىڭ يۈرۈشىنى ئىتتىكلەتكەنسېرى چاڭ - توزانلار كۆپەيدى. ئىشىڭنى ئىلداملات، بۈگۈن تۈگىتەلمەي قالما يەنە.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
<ئاستىلىماق> پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.
ئۇ ئالدى تەرەپتىن كېلىۋاتقان بىر پىكاپنى كۆرۈپ، ماشىنىسىنى ئاستىلىتىپ، قائىدە بويىچە يولنىڭ چېتىگە چىقتى.