Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئاشۇرا
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
ئاشۇر.
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
بۇ ئەرەبچە سۆز ئەسلىي ئىبرانىي تىلىدىكى <ئونىنچى> دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدىغان <ئاسۇر> سۆزىدىن كەلگەن بولۇپ، ھىجرىيە 1 - ئاينىڭ 10 - كۈنىنى كۆرسىتىدۇ. (1) رىۋايەت قىلىنىشچە، ئاللا مۇشۇ كۈنى ئىنساننى، جەننەتنى، دوزاخنى ياراتقان. شۇڭا بۇ مۇقەددەس كۈن ھېسابلىنىدۇ. ئادەم ئەلەيھىسسالام، نۇھ ئەلەيھىسسالام، ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام، مۇسا ئەلەيھىسسالام قاتارلىق پەيغەمبەرلەر قۇتقۇزۇپ قىلىنغان كۈندۈز. ئەسلىي يەھۇدىيلارنىڭ گۇناھىدىن ساقىت بولىدىغان كۈنى ئىدى. (2) مىلادىيە 622 - يىلى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام مەككىدىن مەدىنىگە ھىجرەت قىلغاندىن كېيىن، يەھۇدىيلارنىڭ ئادىتىگە تەقلىد قىلىپ بۇ كۈننى پەرھىز كۈنى قىلىپ بەلگىلىدى. 623 - يىلى رامىزان ئېيىنى روزا ئېيى قىلىپ، بىر ئاي روزا تۇتۇشنى بەلگىلىدى. ئاشۇرا كۈنى ئىختىيارىي پەرھىز كۈنى قىلىندى. (3) شىئە مەزھىپىنىڭ ماتەم كۈنىدۇ. ھەزرىتى ئەلىنىڭ ئوغلى ھۈسەين 680 - يىلى ئۇمەييە سۇلالىسى تەرىپىدىن ئاشۇرا كۈنى ئۆلتۈرۈۋېتىلگەنلىكتىن، شىئە مەزھىپى ھۈسەيننى خاتىرىلەش ئۈچۈن بۇ كۈننى مۇسىبەت كۈنى قىلىپ بەلگىلىدى. خاتىرىلەش پائالىيىتى ئىنتايىن تەنتەنىلىك بولىدۇ. مەككىدىكى كەبە شۇ كۈنى ئېچىۋېتىلىدۇ. مۇسۇلمانلار مەسچىتلەردە ياكى ئۆيلىرىدە دۇئا - تىلاۋەت قىلىپ، ھۈسەينگە تەزىيە بىلدۈرىدىغان داستانلارنى ئوقۇيدۇ. ئىراننىڭ بەزى جايلىرىدا سىرلىق دىنىي ئويۇنلار ئوينىلىدۇ. كىشىلەر كوچىلارغا چىقىپ مۇسىبەت نامايىشى قىلىدۇ. ناخشا ئېيتىدۇ، ھازا ئاچىدۇ، ھەتتا ئۆزىنى قامچىلايدۇ ۋە قىينايدۇ. (4) جۇڭگو مۇسۇلمانلىرىنىڭ رىۋايەت قىلىشىچە، توپان بالاسى بولۇپ، نۇھ ئەلەيھىسسالام جانلىقلارنى (جۈملىدىن ئادەمنى) كېمىگە سېلىپ، سۇ يانغاندا قىرغاققا يېقىنلاشقان، ئونىنچى كۈنى كۆچە قاينىتىپ ئادەملەرنىڭ ئاچارچىلىقىنى ھەل قىلغان. شۇڭا كۆچە ئىچىشنى كىشىلەر خاتىرىلەش پائالىيىتىنىڭ بىر قىسمى قىلغان.