Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئاشۇفتە
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
پەرىشان؛ چېچىلغان؛ چۇۋلغان.
بېرىلگەن، مەپتۇن، ئاشىق، شەيدا:
ماڭا مۈشكۈل كۆرۈندى ئەي، پەرى رولار تاماشا قىل،
جۇنۇن سەھراسىدىن ئاشۇفتەئى رەسۋانى يىغماغلىق.
زەلىلى.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
ھاياجانلانغان، ھودۇققان، پەرىشان بولغان؛ ئاشىق، شەيدا بولغان؛ تارقاق، توزۇغان: ئاشۇفتە دەستار - سەللىسى چۇۋۇلغان: ئاشۇفتە مىزاج - ئەھۋالى پەرىشان؛ ئاشۇفتە ھال - پەرىشان ھال؛ ئاشۇفتە نىھاد - پەرىشان تەبىئەت، بىقارار.