Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
亚述帝国
دۇنيا تارىخى
ئاسسۇرىيە ئىمپېرىيىسى
قەدىمكى غەربىي ئاسىيادىكى قۇللۇق تۈزۈمدىكى دۆلەت. تەخمىنەن مىلادىدىن 3000 يىل ئىلگىرىكى يىللارنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا، سېمىتلارنىڭ بىر تارمىقى تىگر دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا ئېقىمى رايونىدا ئاسسۇر شەھىرىنى قۇرغان، بۇ، ئاسسۇرىيىنىڭ مەنبەسى بولۇپ قالغان. مىلادىدىن 0300 يىل ئىلگىرىكى يىللارنىڭ ئاخىرلىرىدا، كىچىك ئاسىيا (ھىتت) رايونىنىڭ مۇستەملىكە قىلىنىشىغا ئەگىشىپ بارا - بارا قۇللۇق تۈزۈمدىكى دۆلەت شەكىللەنگەن. مىلادىدىن بۇرۇنقى ⅩⅨ ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا ئوتتۇرا دېڭىزنىڭ قىرغاقلىرىغا قاراپ كېڭەيگەن. مىلادىدىن بۇرۇنقى ⅩⅥ ئەسىردىن مىلادىدىن بۇرۇنقى ⅩⅤ ئەسىرگىچەبىر مەھەل مىتاننى دۆلىتى (خۇرىتلار قۇرغان) نىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىغا چۈشۈپ قالغان. مىلادىدىن 1400 يىل ئىلگىرىكى يىللار ئەتراپىدا مىتاننى دۆلىتى ھىتتلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغاندىن كېيىن ئاجىزلاپ كېتىپ، ئاشۇر ئۇبالىت Ⅰ (تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىرى 1365 - 1330) پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، مىتاننىدىن ئايرىلىپ مۇستەقىل بولغان. شۇنىڭدىن كېيىن مىتاننى، كاسسىت بابىلون ۋە شىمالدىكى ئۇرارتۇنى ئارقا - ئارقىدىن مەغلۇپ قىلغان. مىلادىدىن بۇرۇنقى Ⅸ ئەسىردە، ئرامې ئانسلار كەڭ كۆلەمدە تاجاۋۇز قىلىپ كىرىپ، ئاسسۇرىيىنى بۆلۈنۈش ھالىتىگە چۈشۈرۈپ قويغان. مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅹ ئەسىردە، مېسوپوتامىيە ۋادىسىدىكى ھەر خىل كۈچلەر ئارقا - ئارقىدىن ئاجىزلاپ، ئاسسۇرىيە قايتىدىن گۈللەنگەن.ئاسسۇرناسىرپال Ⅱ ۋە سالمانېسسر Ⅲ (مىلادىدىن ئىلگىرىكى 858 - 824 يىللىرى تەختتە ئولتۇرغان) دەۋرلىرىدە مېسوپوتامىيە ۋادىسىنىڭ شىمالى ۋە سۈرىيە ئەتراپىنى بويسۇندۇرغان. مىلادىدىن بۇرۇنقى Ⅸ ئەسىردىن مىلادىدىن بۇرۇنقى Ⅷ ئەسىرگىچە ئاسسۇرىيە تۆمۈرقورال دەۋرىگە قەدەم قويۇپ، تىگلات پىلېسېر Ⅲ ۋە سرگون Ⅱ دەۋرىگىچە ھوقۇق مەركەزلەشكەن ھۆكۈمرانلىقنى كۈچەيتىپ، ھەربىي ئىسلاھات ئېلىپ بېرىپ، كەڭ كۆلەملىك تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشى قوزغىغان؛ زېمىنى شەرقتە ئىران ئېگىزلىكىگە، غەربتە ئوتتۇرا دېڭىز ( شۇنىڭدىن كېيىنكى ئاسارخاددون دەۋرىدە مىسىرغىچە يېتىپ بارىدۇ) غا، شىمالدا كاپكاز، جەنۇبتا پېرسىيە قولتۇقىغىچە تۇتىشىپ، غەربىي ئاسىيا ۋە شەرقىي شىمالىي ئافرىقىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان غايەت زور ھەربىي ئىمپېرىيىنى شەكىللەندۈرگەن، نىنېۋې پايتەخت قىلىنغان، مەملىكەت ئىچىدىكى سىنىپىي زىددىيەتلەرنىڭ كۆپىيىشى ۋە بويسۇندۇرۇلغانلارنىڭ ئۈزلۈكسىز قارشىلىق كۆرسىتىشى ئارقىسىدا، مىلادىدىن بۇرۇنقى Ⅶ ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدىن باشلاپ ئاجىزلاپ كەتكەن. مىلادىدىن 626 يىل ئىلگىرى كالدېئانلار (نابوپولاسسار) بابىلوننى ئىگىلىۋالغان ھەمدە شەرقتىكى مېدىيە بىلەن ئاسسۇرىيىگە قارشى ئىتتىپاق تۈزگەن. مىلادىدىن 612 يىل ئىلگىرى مېدىيە بىلەن كالدېئان بىرلەشمە ئارمىيىسى نىنېۋېنى ئىگىلىگەن. مىلادىدىن 605 يىل ئىلگىرىكى كاركېمىس جېڭىدە ئاسسۇرىيە ئىمپېرىيىسى ئاخىر ھالاك بولغان. ئاسسۇرىيە مەدەنىيىتى سۇمبر، بابىلون مەدەنىيىتىنىڭ تەسىرىگە چوڭقۇر ئۇچرىغان. قەدىمكى پايتەخت نىنېۋې خان ئوردىسى كۇتۇپخانىسىدا كۆپلىگەن مىخ يېزىقلىق سېغىز بەتلەر ساقلىنىپ قالغان بولۇپ، بۇلار دىنىي رىۋايەتلەر، ئەدەبىي ئەسەرلەر، ئاسترونومىيە ۋە تىبابەتچىلىك قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئۆزئىچىگە ئېلىپ، ئاسسۇرىيە ۋە مېسوپوتامىيە رايونلىرىنىڭ تارىخى ۋە مەدەنىيىتىنى تەتقىق قىلىشتا مۇھىم ماتېرىيال ھېسابلىنىدۇ.