Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئارىلىقتا تۇتىشىش
بىئولوگىيە
ھايۋان ھۈجەيرىلىرى ئارىلىقدىىكى بىر خىل تۇتىشىش شەكلى بولۇپ، ئاساسەن ئېپىتېلىيە، نېۋرونلارنىڭ ئۆسۈكچىلەر تېگىشمىسى (سىنپاپس)، سىلىق مۇسكۇل ۋە يۈرەك مۇسكۇل ھۈجەيرىلىرى ئارىلىقلىرىغا تارقالغان. تۇتاشقان ئورۇندىكى ئىككى پلازما پەردىسى 2 ~ 3 مىللىمىكرون ئارىلىقنى ساقلاپ تۇرىدۇ. مۇزلىتىپ ئۈزۈش تېخنىكىسى ئارقىلىق تەتقىق قىلىنىشىچە، ئارىلىقتا تۇتىشىش - قانۇنىيەتلىك ھالدا تېزىلغان بىر قانچىلىغان سۇب بىرلىك دانىچىلىرىنىڭ جۈپ - جۈپ بولۇپ تۇتىشىشىدىن ئىبارەت. بۇ خىل سۇب بىرلىكلىك دانىچە ئالتە دانە ئاقسىل مولېكۇلىسىنىڭ تىزىلىشىدىن ھاسىل بولىدۇ، ئۇنىڭ ئوتتۇرىسىدا دىئامېترى تەخمىنەن ئىككى مىللىمىكرون كېلىدىغان سۇغا مايىل بىر بىر يول شەكىللەنگن بولۇپ، بۇنىڭ بىلەن ئۆز ئارا قوشنا ھۈجەيرىلەرنىڭ ستوپلازمىسى ئۆتۈشۈپ تۇرىدۇ، بۇنىڭدىن ئىئونلار ۋە كىچىك مولېكۇلىلىق ماددىلار پۈتۈنلەي بىمالال ئۆتەلەيدۇ. شۇڭا ئارىلىقتا تۇتىشىش - ھۈجەيرىلەر ئاراخىمىيىلىك ئۇچۇر يەتكۈزەلەيدىغان ۋە بىئوئېلېكترىك سىگناللار بىۋاستە ئۆتىدىغان يول بولۇپ، ھۈجەيرىلەنىڭ ئۆسۈشى ۋە دىففېرېنسىيىلىنىشىنى كونترول قىلىش ھەمدە توقۇلما، ھۈجەيرىلەرنىڭ فىزىئولوگىيىلىك رېئاكسىيلىرىنىڭ ئوخشاش باسقۇچلۇق بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشتا خېلى مۇھىم رول ئوينايدۇ.