Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئارىلىق
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
پارا، ئۇرۇنچ.
ئارىلىق بەرمەك، ئارىلىق ئالماق. * بېرىدىغانلار بولمىسا، ئارىلىق ئالىدىغانلار بولماس ئىدى.
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
1 . ئىككى ئوتتۇرىدىكى بوشلۇق، مۇساپە، ۋاقىت، پەيت.
ئىدارىمىزنىڭ ئارىلىقى يىراق. * ئىمتىھاننىڭ ئارىلىقى ئاز قالدى.
2 . ئوتتۇرا. _ ئارىلىقتا تۇرغان كىشى شۇ، _ دېدى ئوتتۇرىدىكى كىشىنى كۆرسىتىپ.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
چوڭ ئۆيگە كىرىش ئالدىدىكى كىچىك ئۆي.
دالاننى دائىم تازىلاپ تۇرۇش كېرەك. دەھلىزدە ئولتۇرساقمۇ بولىدۇ، دېدى مېھمان. ئارىلىق ياز كۈنلىرى سالقىن بولىدۇ. كارىدورنى سۈپۈرمەي، ئۆينى سۈپۈرگەننىڭ ئەمگىكى زايە، ئۆي يەنىلا پاسكىنا بولىدۇ.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
زامان، ماكان جەھەتتىكى ئۇزۇنلۇق.
ئۇزۇن مۇساپە بېسىپ كەلگەن مېھمانلارنى ياخشى كۈتۈش كېرەك. بېيجىڭ بىلەن تيەنجىننىڭ ئارىلىقى تەخمىنەن 240 چاقىرىم.
شىۋىلەر
پارا. مەسىلەن: بېگىمگە ئارىلىق بەرمەي ئىشىڭنى پۈتۈرەلمەيسەن.
شىۋىلەر
قۇمۇل شىۋىسى
كارىدور، تاشقارقى ئۆي.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئى. نەرسىلەر ئوتتۇرىسىدىكى جاي، مۇساپە، بوشلۇق.
ئۇلار چەشلەرنىڭ ئەتراپىغا ئارىلىقىنى بىر گەزدەك قالدۇرۇپ ئادەم بويى مەڭگەن دۆۋىلىدى.
ئى. ئىككى ۋەقە، ھادىسە ۋە ياكى پەيت ئوتتۇرىسىدىكى ۋاقىت، پۇرسەت.
شام بىلەن خۇپتەن ئارىلىقىدا ئۆيىگە قايتىپ كەلگەن قاسىم يەنە ئالدىنقى كۈنگە ئوخشاش قاپپىقىنى ئاچماستىن تاڭنى ئاتقۇزدى.
سۈپ. ئوتتۇرا.
ئارىلىق ھادىسە. ئارىلىق مېڭە.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
«پارا» غا قاراڭ.
ئارىلىق بەرمەك .