Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئاق تەنلىكلەر ئاۋسترالىيىسى سىياسىتى
دائىرە: دۇنيا تارىخىئەنگلىيىنىڭ ئاۋسترالىيىگە رەڭلىك ئىراقلارنىڭ كۆچۈپ كېلىشىنى چەكلەشتىن ئىبارەت ئىرقىي كەمسىتىش سىياسىتى. ئەنگلىيە ⅩⅨ ئەسىرنىڭ 50-يىللىرىدىن تارتىپ جۇڭگولۇقلارنىڭ ئاۋسترالىيىگە كېلىپ ئالتۇن كولىشىنى چەتكە قاققان. ۋېكتورىيە قاتارلىق مۇستەملىكە رايونلاردا ئارقا - ئارقىدىن رەڭلىك ئىرقلارنىڭ كىرىشىنى چەكلەش پەرمانلىرى جاكارلىنىپ، قۇرۇقلۇققا چىققان جۇڭگولۇق ئىشچىلارنىڭ سانىنى بەلگىلىگەن، نوپۇس بېجىنى ئېغىرلاتقان. 1881-يىلى مۇستەملىكە رايونلار ئارا كېڭەشمىدە جۇڭگولۇقلارنى چەكلەش مەزمۇن قىلىنغان ئوخشاش ماددىلار بېكىتىلگەن. 90 - يىللارغا كەلگەندە بۇ خىل چەكلەش دائىرىسىگە تىنچ ئوكيان ئاراللىرىدىن كېلىدىغان رەڭلىك ئىرقتىكى ئىشلەمچىلەرمۇ كىرگۈزۈلگەن. 1897-يىلى ئەنگلىيىنىڭ مۇستەملىكە زېمىنلەر ۋەزىرى جۇزىف چېمبېرلىن <ئاڭلاش - يېزىش سىنىقى> چارىسىنى يولغا قويۇپ غەيرىي ياۋروپا كۆچمەنلىرىنى چەكلىگەن. 1901-يىلى ئاۋسترالىيىسى< سىياسىتىنى قانۇنىيلاشتۇرغان، ھەتتا بالدۇر كېلىپ ئولتۇراقلىشىپ قالغان رەڭلىك ئىرقتىكى كىشىلەرنى چېگرىدىن ھەيدەپ چىقارغان، ئەنگلىيە كۆچمەنلىرىگە بولسا قوشۇمچە ياردەم بەرگەن. 1921-يىلى دېڭىز - ئوكيان قاتنىشى قانۇنى ماقۇللىنىپ، دېڭىز قىرغىقى ترانسپورتىدا رەڭلىك ئىرقتىكىلەرنى ياللاش مەنئى قىلىنغان. «ئاڭلاش - يېزىش سىنىقى» تاكى 1958-يىلى كۆچمەنلەر توغرىسىدىكى قانۇن ئېلان قىلىنغاندىن كېيىنلا ئاندىن بىكار قىلىنغان. ھۆكۈمەت دائىرىلىرى 1945-يىلىدىن كېيىن «ئاق تەنلىكلەر ئاۋسترالىيىسى سىياسىتى» دېگەن بۇ ئاتالغۇنى ئېغىزغا ئالمىغان بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە بۇ سىياسەتتە ئاشكارا چىڭ تۇرۇش تەشەببۇس ھازىرغىچە مەۋجۇت.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–ئۇيغۇرچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.