Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئاق تاغلىقلار
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
بۇ ⅦⅩ ئەسىردە قەشقەردىكى خوجا جەمەتىدىن بۆلۈنۈپ چىقىپ شەكىللەنگەن سوپىزمچى مەزھەپ. قەشقەردىكى خوجا جەمەتىنىڭ ئەجدادى مەھدۇم ئەزەم ئوتتۇرا ئاسىيادىكى مەشھۇر مۇتەكەللىمۇن بولۇپ، تۈركىمەنىستان، قازاقىستان، تاجىكىستان، ئۆزبېكىستان قاتارلىق جايلاردا داڭق چىقارغان. مەھدۇم ئەزەم ⅩⅥ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرى ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن، ئۇنىڭ 13 ئوغلى ئىچىدە چوڭ ئوغلى ئىشان كالان بىلەن ئىشان كالاننىڭ ئىنىسى ئىسھاق ۋەلى خەلىپىلىك ھوقۇقىنى تالىشىپ پۇت تېپىشىپ، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ماۋەرائۇننەھرەدە قارىمۇ قارشى ئىككى تەرەپ بولۇپ شەكىللەندى. ⅩⅥ ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدىن ⅩⅦ ئەسىرنىڭ باشلىرىغىچە ئىككى تەرەپكى خوجىلارنىڭ شىنجاڭغا كېلىپ دىننى تەرغىپ قىلىشىغا ئەگىشىپ، بۇ كۈرەش شىنجاڭدا ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان مىللەتلەر ئارىسىغا كېڭەيدى. ئىككى تەرەپنىڭ زىددىيىتى ئۆزلۈكىدىن چوڭقۇرلىشىپ كەتكەنلىكتىن، كۈرەش شەكىللىرى دىنىي ئىختىلاپتىن سىياسىي ھوقۇق ئۈستىدىكى كۈرەشكە ئۆزگىرىپ، قوراللىق توقۇنۇشقا يەتتى. بۇنداق قارشىلىق بايراق، بەلگە، قالپاق رەڭگى قاتارلىق تاشقى ئالامەتلەردە بىۋاستە ئىپادىلەندى. ئىشان كالان باشچىلىقىدىكىلەر <ئاق تاغلىقلار> <ئاق تاقىيلار> دەپ ئاتالدى. ئىسھاق ۋەلى باشچىلىقىدىكىلەر <قارا تاغلىقلار> <قارا تاقىيلار> دەپ ئاتالدى. ئىككى تەرەپ ئوخشىمىغان جايلاردىكى ئۇرۇشقا ماھىر قىرغىز قەبىلىلىرى بىلەن ئىتتىپاق تۈزدى، ئەينى چاغدا قەشقەرنىڭ شىمالىدىكى تەڭرى تاغلىرىنىڭ غەربىي قىسمىدا ئولتۇراقلاشقان قىرغىز قەبىلىلىرى ئىشان كالاننىڭ ئەۋلادىغا ئەگىشىپ <ئاق تاغلىقلار> دەپ ئاتالدى. پامېر ئەتراپىدا ئولتۇراقلاشقان قىرغىزلار ئىسھاق ۋەلى تەۋەسىدىكى خوجىلارغا ئەگىشىپ، <قارا تاغلىقلار> دەپ ئاتالدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار <ئاق تاغلىقلار>، <قارا تاغلىقلار> دەپ ئاتىلىدىغان بولدى. 17 - ئەسىرنىڭ 80 - يىللىرى ئاق تاغلىقلارنىڭ داھىيىسى ئاپاق خوجا جۇڭغار فېئودال ئاقسۆڭەكلىرى بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ جەنۇبىي شىنجاڭغا ئەسكەر ئەۋەتكەندىن كېيىن، خوجىلارنىڭ فېئودال دىنىي ھاكىمىيەت ھۆكۈمرانلىقى باشلاندى، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ئىككى قېتىم 16 يېرىم يىل ھاكىمىيەت بېشىدا تۇرۇپ ھەمدە جەنۇبىي شىنجاڭنى قارا تاغلىقلاردىن بۆلۈپ ئىدار قىلىپ، قەشقەر رايونىنى يەتتە يىل باشقۇرۇپ، چىڭ سۇلالىسى شىنجاڭنى بىرلىككە كەلتۈرگەندە (1759) ئاق تاغلىق چوڭ - كىچىك خوجىلارنىڭ توپىلىڭى تىنجىتىلدى. چوڭ خوجا بورھاننىڭ چوڭ ئوغلى سامساق قوغانغا قېچىپ كەتتى. ئۇنىڭ ئەۋلادىدىن بولغان خوجا جاچىڭنىڭ ئاخىرقى يىللىرى (1820) دىن باشلاپ چېگرىدىن كىرىپ، پاراكەندىچىلىك سېلىپ، قارا تاغلىقلار بىلەن تىنماي ئېلىشتى. يېقىنقى زامانغا كەلگەندە ئاق تاغلىق خوجىلار يوقىتىلىپ، ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى دىنىي، سىياسىي كۈرەش ئوتتۇرىسىدىكى دىنىي، سىياسىي كۈرەش تەدرىجىي تىنجتىلدى. ئىككى تەرەپنىڭ شىنجاڭ رايونىدىكى كۈرىشى ۋە ئۇلارنىڭ جەنۇنىي شىنجاڭ رايونىدىكى ھۆكۈمرانلىقى، تەسىرى ئىنتايىن چوڭقۇر بولدى. يەنى (1) خوجا فېئودال ئاقسۆڭەك كۈچلىرىنىڭ شەكىللىنىشىگە ۋە چاغاتايدىن كېيىنكى خانلىق ھاكىمىيەتنىڭ ئاجىزلىشىشىغا ۋە يوقىلىشىغا سەۋەبچى بولدى. (2) ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى ئۇزۇنغا داۋاملاشقان مەزھەپ كۈرىشى ۋە ھوقۇق تالىشىشى جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىنىڭ ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىشىغا ۋە مۇقىملىقىغا ناھايىتى زور خەۋپ پەيدا قىلدى. (3) بەزى خوجىلار <پەيغەمبەر ئەۋلادىمىز> دېگەن نام بىلەن ئىچكى ئۆلكىلەرگە بېرىپ، سوپىزمنى تارقاتتى. گەنسۇ، نىڭشيا، چىڭخەيدىكى سۈلۈكلەرنىڭ پەيدا بولۇشى ۋە شەكىللىنىشىگە مۇھىم تەسىر كۆرسەتتى. سوپىزملىق تەرىقەتتە، ئۇلار نەقىشبەندىيە پىرقىسىنى مەنبە قىلغان. ئۇلارنىڭ ئىستىقامەت شەكلى <مىكسىيە> دېيىلىپ، شىنجاڭدا ئۆتكەن دەسلەپكى چاغلاردىكى ئىشان مەزھەپلىرىنىڭ بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئۇلار شەرىئەت بىلەن تەرىقەتكە تەڭ ئەھمىيەت بېرىشنى، ئېتىكاپتا قەسىدە ئوقۇشنى؛ ئىشانلىققا ئەۋلادمۇ ئەۋلاد ۋارىسلىق قىلىشنى يولغا قويىدۇ؛ ئۇلار ئىشان (باشلىق، ئۇستاز)، شەيخ (مازار باشقۇرغۇچى)، خەلىپە (شاگىرت)، سوپى (شاگىرت دەرۋش)، ھاپىز (قىرائەتكە باشلامچىلىق قىلغۇچى) قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى تەسىس قىلغان؛ ئۇلار ھەر يىلى 5 -، 6 - ئايلاردا، 8 -، 9 - ئايلاردا مازارلارنى ئىككى قېتىم تاۋاپ قىلىدۇ.