Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئاقىرىش
بىئولوگىيە
ھايۋان، ئۆسۈملۈكلەردە ئىرسىيەتلىك ياكى فىزىئولوگىيىلىك كەمچىللىكتىن كېلىپ چىقىدىغان بىر خىل ھادىسە بولۇپ، ھايۋان، ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ھەر قايسىسىدا پەيدا بولۇش مېخانىزمى ئوخشىمايدۇ. ھايۋانلاردا تىروزىن ئېنزىمى كەمچىل بولغانلىقتىن، قارا پېگمېنت بولمىغاچقا ھايۋاننىڭ تېرىسى، تۈكى ۋە كۆزلىرىدە بىردەك پىگمېنت بولمايدۇ. ئادەتتە نورمال خروموسومنىڭ مەلۇم بىر يوشۇرۇنلۇق توساتتىن ئۆزگەرگەن گېننىڭ ساپ بىرلەشمە ھالەتتە بولۇشىدىن، ئۆسۈملۈكلەردە خروموپلاستنىڭ كەمچىللىكىدىن بولىدۇ.