Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئاقىل
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
ئۆتكۈر ئەقىل ئىگىسى، دانىشمەن، ئەقىللىق، دانا.
ئەقىل بىلەن ئېيتىلغان، قىلىنغان ئەرلەر توغرىسىدا:
دۇناكۇن بىر فەيلەسوفۇ ئاقىلى كۆرگەن كىشى،
ئىلغايئالمايدۇر بۇ كۈن مەجنۇن شەيدادىن مېنى.
ئاتايى.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئىلىم - پەن، ئەخلاق - پەزىلەتلەردە مەلۇم دەرىجىدە كامالەتكە يەتكەن.
«ئالىم» ئىلمدا يۇقىرى بىلىم ھاسىل قىلغان، مەلۇم نەتىجە ياراتقان كىشىنى كۆرسىتىدۇ.
«دانىش» ، «دانا» ، «ئاقىل» ، ئەقىللىق، زېرەك كىشىلەرگە قارىتىلغان.
«بىلمدان» بىلملىك، جىق بىلىم ئىگ
ئالىمنىڭ ئالدىدا ئاغزىڭنى ئاچما. ناداننىڭ تىرىكى ئۆلۈك، ئالىمنىڭ ئۆلۈكى تىرىك. ئالىم بولساڭ، ئالەم سېنىڭ. دانىشقىمۇ بىلىم كېرەك. دانانىڭ سۆزىگە كېپىلنىڭ كېرىكى يوق. دانالار سۆزى _ كۆڭۈلنىڭ كۆزى. ئاقىل ئۆزىنى ئايايدۇ. ئاقىلغا ئىشارەت نادانغا جۇۋالدۇرۇز . بىلىمداننىڭ بىلىمى كېچىنى يۇرىتىدىغان چىراغ. ئۆز ئۆيىدە قارىغۇ چاشقانمۇ دانىشمەن. پازىل پەزىلىتى بىلەن ئەزىز.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
ئەقىل - پاراسەت، ئىلىم - بىلىم، ئەدەب - ئەخلاق ساھەسىدە يېتىشكەن.
نادان، ئەخمەق، قاپاقباش
ئەقىل - پاراسەت، ئىلىم - بىلىم ساھەسىدە كەمتۈك، كاللىسى ئىشلىمەيدىغان.
ئاقىلغا ئىشارەت، نادانغا جۇۋالدۇرۇز. ئاقىل ئەل غېمىدە، نادان گال غېمىدە. ئالىمنىڭ ئۆلۈكى تىرىك، ناداننىڭ تىرىكى ئۆلۈك. دانالار سۆزى - ئەقىلنىڭ كۆزى. دانانىڭ قەدرىنى نادان بىلمەس، ئاغرىقنىڭ دەردىنى ساق. ناداننى تادان ئوڭلايدۇ، ھارۋىنى كاتاڭ. ئالىم بولساڭ، ئالەم سېنىڭ. دانىشمەننىڭ كۈندىشى كۆپ. ئەخمەقنىڭ دوستى تولا، پىيازنىڭ پوستى. ئەخمەق دوستتىن ئەقىللىق دۈشمەن ياخشى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپەت
ئەرەبچە
ئەقىللىق، دانا.
ئاقىل ئۆزىنى ئايايدۇ (ماقال).
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
قىز - ئاياللارغا خاس ئىسىم
(ئەرەبچە)
ئەقىللىق، پەم-پاراسەتلىك، دانا بالا. باشقا شەكىللىرى: ئاقىلجان، ئاقىلخان.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
قىز - ئاياللارغا خاس ئىسىم
ئەرەبچە
ئاقىلجان، ھاقىل، ھەقىل
ئەقىللىق، زېرەك، دانىشمەن