Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئاندخارا
دۇنيا تارىخى
جەنۇبىي ھىندىستاندىكى قەدىمكى دۆلەت نامى. ئاندخارا قەبىلىسى <ئىتارا ھەزرىتى براخمانا> ناملىق كىتابتا غەيرىي ئارىئانلار دەپ ھېسابلانغان، ئۇلار ئېھتىمال ئەڭ دەسلەپ سىندىيا تاغلىق رايونى بىلەن دېگان ئېگىزلىكىنىڭ شىمالىغا تارقىلىپ، كېيىن پەيدىنپەي جەنۇبقا قاراپ سۈرۈلۈپ، گوداۋارى دەرياسى بىلەن كىرىشىنا دەرياسى ئارىلىقىغا كېلىپ ئولتۇراقلاشقان بولسا كېرەك. مائورىيە (ماگارخا) ئىمپېرىيىسىنىڭ پادىشاھى ئاسوكا دەۋرىدە (مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅲ ئەسىر) ئاندخارا مائورىيە ئىمپېرىيىسى زېمىنىغا قوشۇۋېلىنغان. مىلادىدىن بۇرۇنقى Ⅰ ئەسىرنىڭ كېيىنكى مەزگىلىدە ساتاۋاخانا خاندانلىقىنى قۇرغۇچى سىمۇكا (ئاندخارا قەبىلىسىدىن) ھۆكۈمرانلىق قىلغان مەزگىلدە، ماگادخادىكى كانۋا خاندانلىقىنى يوقىتىپ، بىر مەھەل روناق تاپقان. مىلادى Ⅰ ئەسىرنىڭ باشلىرىدا شىمالدىكى ساكلارنىڭ تاجاۋۇز كىرىشىدىن مۇداپىئەلەنگەن ھەمدە كۇشان ئىمپىرىيىسى بىلەن قارشىلاشقان. ساتاۋاخانا خاندانلىقىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى كۈچلۈك پادىشاھى ياجنا ساتاركانى ھۆكۈمرانلىق قىلغان ۋاقىتتا (174-203) دېگان ئېگىزلىكىنىڭ شىمالىدىكى كۈچلۈك دۆلەتكە ئايلانغان. ساكارتانى ئۆلۈپ ئۇزاق ئۆتمەي ئاندخارا ئاجىزلاپ، نۇرغۇنلىغان ئۇششاق بەگلىكلەر بۆلۈنۈپ كەتكەن.