Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئاندروگېن
بىئولوگىيە
<ئاتىلىق گورمون> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئۇ ئادەم (ئەر) ۋە ئەركەك ھايۋانلارنىڭ ئۇرۇق دېنىدىن ئاجرىلىدىغان بىئولوگىيىلىك ئاكتىپچانلىققا ئىگە بىرخىل گورمۇن، مەسىلەن، تېستوستېرون، ئاندروستېنېدىئون قاتارلىقلار، ئۇ ستېرئىد بىرىكمىلەرگە كىرىدۇ، تېستوستېروننىڭ ئاكتىپچانلىقى ئەڭ يۇقىرى بولۇپ، ئاندروگېنلار سپېرمىنىڭ ھاسىل بولۇشى ۋە يېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، ئاتىلىق تەنىنىڭ قوشۇمچە جىنسىي ئورگانلىرىنىڭ يېتىلىشىگە تۈرتكىلىك قىلىدۇ ھەم ئۇلارنىڭ نورمال فۇنكسىيىسىنى ساقلايدۇ، قوشۇمچە جىنسىي بەلگىلەرنىڭ پەيدا بولۇشىغا تۈرتكىلىك قىلىدۇ ھەم ئۇلارنى ساقلايدۇ؛ ئاقسىل سىنتېزلىنىشنى، مۇسكۇللارنىڭ يېتىلىشى ۋە ئىسكىلىتنىڭ ئۆسۈشى قاتارلىقلارنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. ئاستىنقى دۆڭچە مېڭە - بەزسىمان گىپوفىز سىستېمىسىنىڭ تەڭشىشى بىلەن ئۇرۇقدان ئاتىلىق گورمونلارنى ئاجرىتىدۇ. بەزسىمان گىپوفىز ئاجراتقان سېرىق تەنچە ھاسىل قىلغۇچى ماددىلار ئۇرۇقداننىڭ ئاندروگېن ئاجرىتىشىغا تۈرتكىلىك قىلسا، ئاندروگېنلارمۇ ئاستىنقى دۆڭچە مېڭە - بەزسىمان گىپوفىزغا تەتۈر قايتۇرۇشچانلىق رول كۆرسىتەلەيدۇ. سۈنئىي سىنتېزلانغان، تۈزۈلۈش جەھەتتە تېستوستېرونغا ئوخشاپ كېتىدىغان ستېروئىد بىرىكمىلەر ئاقسىل سىنتېزلىنىشىغا قارىتا تېستوستېروندىنمۇ كۈچلۈك ئىلگىرى سۈرۈش رولىغا ئىگە. ھالبۇكى كۆپىيىش ئورگانلىرىغا تۈرتكىلىك قىلىش رولى بولسا ئاجىزراق بولۇپ، كلىنىكىد تولاراق ئوزۇقلىنىش ناچارلىق، ئوپېراتسىيىدىن كېيىنكى جاراھەت ئېغىزىنىڭ پۈتۈشى (ساقىيىشى) قاتارلىقلارنى داۋالاشتا ئىشلىتىلىدۇ. ئاندروگېنلار ئۇرۇقداندىن باشقا يەنە بۆرەك ئۈستى بېزى پوستلاق ماددىسىدىمۇ ھاسىل بولىدۇ. تۇخۇمدانمۇ ئاز مىقداردىكى ئاندروگېنلارنى سىنتېزلىيەلەيدۇ.