Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئامېرىكا سوتسىيالىستلار پارتىيىسى
دۇنيا تارىخى
ئامېرىكا ئىسلاھاتچى ئىشچىلار پارتىيىسى. 1898-يىلى دىبىس قاتارلىقلار سوتسىيال دېموكراتىك پارتىيە قۇرغان. 1901-يىلى ھېلىكۇئىت رەھبەرلىكىدىكى سوتسىيالىستىك ئىشچىلار پارتىيىسىنىڭ مۆتىدىللار ئېقىمى بىلەن بىرلىشىپ، ئامېرىكا سوتسىيالىستلار پارتىيىسى دەپ ئاتالغان. ئاساسىي پروگراممىسى سايلام رىقابىتىگە قاتنىشىشنى سىياسىي كۈرەش ۋاستىسى قىلىپ، ئىشلەپچىقىرىش ماتېرىياللىرى بىلەن تەقسىماتنى تىزگىنلەپ، ئىنقىلابىي يول ئارقىلىق سوتسىيالىزم قۇرۇشقا قارشى تۇرۇشتىن ئىبارەت. 200 مىڭ ئەزاسى، 30 خىل كۈنلۈك گېزىتى، 12 خىل ئايلىق ژۇرنىلى ۋە 030 خىلغا يېقىن ھەپتىلىك گېزىتى بولغان. 2191-يىلى، ئىچكى قىسىمدا بۆلۈنۈش بولۇپ، سولچىلارنىڭ باشلىقى ھايۋۇد پارتىيىدىن ئايرىلىپ چىقىشقا مەجبۇر بولغان. 1917-يىلى بۇ پارتىيە ئامېرىكىنىڭ بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىغا قاتنىشىشىغا قارشى چىققاندا، دىبىس نەزەربەند قىلىنغان، ئۇرۇشنى تەشەببۇس قىلغۇچى بىر قىسىم ئۇنسۇرلار پارتىيىدىن چېكىنىپ، ئۆز ئالدىغا ئۆكتىچى گۇرۇھ قۇرغان. روسىيە ئۆكتەبر ئىنقىلابىدىن كېيىن، پارتىيە ئىچىدىكى سولچىلار ئىسلاھاتچىلىق پروگراممىسىدىن ۋاز كېچىپ، كاپىتالىستىك تۈزۈمنى بىۋاستە ئاغدۇرۇپ تاشلاشنى تەشەببۇس قىلغان. 9191-يىلى چوڭ پارچىلىنىش يۈز بېرىپ، سولچىلاردىن روتېنېبېرگ قاتارلىقلار پارتىيىدىن چېكىنىپ چىقىپ، ئامېرىكا كوممۇنىستىك پارتىيىسى بلەن كوممۇنىستىك ئەمگەكچى - ئىشچىلار پارتىيىسىنى قۇرغان (1921-يىلى بۇ ئىككى پارتىيە بىرلىشىپ، كوممۇنىستىك پارتىيە بولۇپ قۇرۇلغان). 1924-يىلى تەرەققىيپەرۋەرلەر پارتىيىسىنىڭ رەھبىرى لافوللېتىنىڭ زۇڭتۇڭلۇققا سايلىنىشىنى قوللىغان. 1928-يىلىدىن باشلاپ، مەزكۇر پارتىيىدىكى توماس (1884 - 1968) زۇڭتۇڭ سايلىمى رىقابىتىگە ئۇدا بەش قېتىم قاتنىشىپ، مەغلۇپ بولغان؛ 50-يىللاردا يەنە ئىككى نۆۋەت زۇڭتۇڭ سايلىمى رىقابىتىگە قاتنىشىپ، ئىتنايىن ئاز ئاۋازغا ئېرىشكەن؛1860-يىلى سىياسىي سەھنىدىن چېكىنىپ چىقىپ، مەخسۇس مائارىپ پائالىيەتلىرى بىلەن مەشغۇل بولغان. 1972-يىلى بۇ پارتىيىنىڭ نامى سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيىسىگە ئۆزگەرتىلگەن.