Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئامېرىكا فىلىپپىن ئورتاق مۇداپىئە شەرتنامىسى
دۇنيا تارىخى
<ئامېرىكا - فىلىپىن بىرلەشمە مۇداپىئە شەرتنامىسى> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. 1951-يىل 9-ئاينىڭ 30-كۈنى ئامېرىكا فىلىپپىن بىلەن ۋاشىنگتوندا ئىمزالىغان ھەربىي ئىتتىپاق شەرتنامىسى. 1952-يىل 8-ئاينىڭ 27-كۈنى كۈچكە ئىگە بولغان. ئاساسىي مەزمۇنى: كېلىشىم تۈزۈشكەن ئىككى تەرەپ <قوراللىق ھۇجۇمغا قارشى تۇرۇش> ئىقتىداىرنى <ساقلاپ قالىدۇ ھەم تەرەققىي قىلدۇرىدۇ>؛ تىنچ ئوكيان رايونىدا، كېلىشىم تۈزۈشكەن دۆلەتنىڭ ھەرقانداق بىرى <قوراللىق ھۇجۇم> غا ئۇچرىغاندا، ئۆز دۆلىتىنىڭ ئاساسىي قانۇنىدىكى رەسمىيەت بويىچە، < ئورتاق خەۋپكە تاقابىل تۇرۇش> يولىدا ھەرىكەت قوللىنىدۇ دېگەندىن ئىبارەت. شەرتنامە چەكسىز كۈچكە ئىگە بولغان.