Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
ئامېرىگو
دۇنيا تارىخى
亚美利哥
yà měi lì gē
(تەخمىنەن 1451 - 1512) ئىتالىيە دېڭىزچىسى. فلورېنسىيىدە تۇغۇلغان. ياش ۋاقتىدا مېدىچ جەمەتىگە ياللىنىپ، بانكا خىزمەتچىسى بولغان. تەخمىنەن مىلادى 1490-يىلى بانكا ۋەكالەتچىسى سۈپىتىدە، ئىسپانىيىنىڭ سېۋىلىيە دېگەن يېرىگە بارغان. 1499 - 1504-يىللىرى ئىلگىرى - كېيىن ئىسپانىيە، پورتۇگالىيە ھۆكۈمەتلىرى ئۈچۈن ئىشلەپ، ئارىلىقتا ئۈچ - تۆت قېىم جەنۇبىي ئامېرىكىغا بېرىپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان. نەق مەيداندا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق، لورېنزو، دې مېدىچ قاتارلىق كىشىلەرگە يازغان بىرنەچچە پارچە خېتىدە كولومبونىڭ ئاسىيانى ئەمەس، بەلكى <يېڭى چوڭ قۇرۇقلۇق> نى تاپقانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەن.1505 - 1510-يىللىرى يۇقىرىدىكى خەتلىرى كىتاب قىلىنىپ، بىر نەچچە قېتىم قايتا نەشر قىلىنىپ، كەڭ تارقالغان. كېيىن، كىشىلەر ئامېرىگو دېگەن ئىسىمنى قوللىنىپ، يېڭى چوڭ قۇرۇقلۇقنى ئامېرىكا قىتئەسى دەپ ئاتىغان.