Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئالماق
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
ئالماق؛ قولدا تۇتماق
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
نەرسىنى ئوچۇملاپ، سىقىملاپ ياكى بىرەر ئەسۋاب بىلەن تۇتۇپ قولغا كىرگۈزمەك.
چېلەكتىن سۇ ئالماق. يانچۇقتىن پۇل ئالماق. ئەكبەر تېلېفوننى قولىغا ئالدى.
قوبۇل قىلماق.
ئوقۇغۇچى ئالماق. ئىشقا ئالماق. ياتاققا ئالماق.
- دوختۇرلار مېنى ياتاققا ئالمىدى، - دېدى ئانا ئېڭرىغان ئاۋازى بىلەن …
بوشاتماق، بىكار قىلماق، چۈشۈرمەك.
ۋەزىپىدىن ئالماق.
قىرقىماق، كەسمەك، سۇغۇرۇپ چىقارماق.
چاچ ئالماق. تىرناق ئالماق. ساقال ئالماق.
قولغا كىرگۈزمەك، ئىگە بولماق، قازانماق، ھاسىل قىلماق، ئېرىشمەك.
دارامەت ئالماق، خامان ئالماق. ھوسۇل ئالماق. ساۋاق ئالماق. ئىلھام ئالماق.
يېمەك، ئىچمەك، ئىستېمال قىلماق.
بىر كۈنلۈك ھەمراھقا قىرىق كۈن سالام، دەپتىكەن، ھەرقايسىلىرىدىن ئارتۇق ئەمەس، قېنى ئالسىلا!
مەلۇم رەڭ، ھالەتنى ئۆزىگە سىڭدۈرمەك؛ پەيدا قىلماق.
رەڭ ئالماق. تۈس ئالماق. خاراكتېر ئالماق. كۆزىگە ياش ئالماق.
ئۆيلەنمەك.
خوتۇن ئالماق.
نەرسە - كېرەك سېتىۋالماق.
بۇ ئاياغنى نەچچە پۇلغا ئالدىڭىز؟
ئۈستىگە قويماق.
يەردە چېچىلىپ ياتقان كىتابلارنى يىغىپ جوزىغا ئالدىم.
بوشاتماق، چۈشۈرمەك، خالىي قىلماق.
مۈرىسىدىن خۇرجۇننى ئالماق. ھارۋىدىن ساندۇقنى ئالماق. ماشىنىدىن يەشىكنى ئالماق.
ئورۇنلاشتۇرماق، مەلۇم جاي ۋە ئورۇندا قويماق.
دالدىغا ئالماق. بىرەر سائەت قادىلىپ ئىشلىگەن بولساممۇ، ئىشقا بەرداشلىق بېرەلمەي چولاق تام سايىسىغا ئۆزۈمنى ئالدىم.
ئىگىلىمەك، ئىشغال قىلماق.
ئورۇن ئالماق. نام ئالماق. شەھەر ئالماق.
قاپلىماق ئورىماق.
ئوت ئالماق.
يامغۇر ئالەمنى بىر ئالدى.
يېڭى دەملەنگەن پولۇنىڭ ھىدى ئۆينى بىر ئالدى.
پەيدا قىلماق، ھاسىل قىلماق.
ئەت ئالماق. ياغ ئالماق. باش ئالماق.
كەلتۈرمەك.
ئەسكە ئالماق. ياغ ئالماق. ياش ئالماق.
يوقاتماق، كەتكۈزمەك.
زەھەرنى زەھەر ئالىدۇ (ماقال).
تەلەپ قىلماق، ئىزدىمەك؛ ۋاقىپلانماق: پىكىر ئالماق، جاۋاب ئالماق، دېرەك ئالماق. رۇخسەت ئالماق. ئىجازەت ئالماق.
خاتىرىلىمەك، رەسىمنى قالدۇرماق.
ئەنگە ئالماق. دەپتەرگە ئالماق. ھېسابقا ئالماق. سۈرەتكە ئالماق. نوتىغا ئالماق.
باسماق، ماڭماق.
قەدەم ئالماق، يول ئالماق.
مەھكەم تۇتماق، چىشلىمەك، كەسمەك.
بېلىدىن ئالماق. ياقىسىدىن ئالماق. ياقىسىدىن ئالماق. قۇلىقىدىن ئالماق.
قوشماق.
ئارىغا ئالماق. قاتارغا ئالماق.
ئىگە دەپ قارىماق.
ئىناۋەتكە ئالماق. ئېتىبارغا ئالماق. ھېسابقا ئالماق.
تۇرغۇن سۆزلەرگە قوشۇلۇپ، ئۇلارنى پېئىللاشتۇرىدۇ.
ئەۋج ئالماق. ئارىيەت ئالماق. ئۆچ ئالماق. باش ئالماق. كۈن ئالماق.
رەۋىشداش بىلەن كېلىپ تۆۋەندىكى مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ: 1( ھەرىكەتنىڭ ئوبيېكتى ياكى ئۈنۈمنىڭ سۇبيېكت تەرەپكە يۆنىلىشى ياكى سۇبيېكت تەۋەلىكىگە ئۆتۈشىنى بىلدۈرىدۇ.
ئۇلار بۇ يىل ئىككى ئېغىز ئۆي سېلىۋالدى. 2) سۇبيېكتنىڭ ھەرىكەتتىن مەنپەئەتدار بولۇشنى بىلدۈرىدۇ:
تاماق يەۋېلىپ ئاندىن ئىشلەيلى.
3( ھەرىكەتنىڭ مەلۇم پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ئورۇنلىشىنى بىلدۈرىدۇ.
كۈچۈڭنىڭ بېرىدا ئىشلىۋال.
يامغۇر ياغقۇچە ئۆيگە يېتىۋالايلى.
4) ھەرىكەتنىڭ مۇداپىئە ئۈچۈن ياكى قارشىلىق كۆرسىتىش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلىشىنى بىلدۈرىدۇ.
ئۇ ئولتۇرۇۋېلىپ ماڭغىلى ئۇنىمىدى.
5( بەزى پېئىللار بىلەن بىرىكىپ ھەرىكەتنىڭ يالغاندىن ئورۇنلىنىشىنى بىلدۈرىدۇ: ئاڭلىمىغان بولۇۋېلىپ جىم ئولتۇرغىنىنى قاراڭلار ئۇنىڭ.