Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئالمان
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئالالماي، قىلالماي. شېئىردا مۇنداق كەلگەن: جەمالىك دەپتەرىدىن نۇكتەنى شەرھى ئېتە ئالمان، يىلى ئۆمرۈم ئىچىدە ئەي پەرى يۈزمىڭ كىتاپ ئەيلەپ. (زەلىلى)
شىۋىلەر
غۇلجا شىۋىسى
تېز، ئىتتىك، چاققان؛ باتۇر. مەسىلەن: ئالغۇچە ئالمان، بەرگۈچە بەزگەك (ماقال)؛ ئالمان بۈركۈت، ئالمان ئىت. مەسىلەن؛
ئالمان قارچۇغام بولسا،
قوندۇرسام بىلەكىمگە،
تاڭسام مەن يۈرەكىمگە.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپەت
ئېلىشتا ئىتتىك، تېز، چاققان؛ تېز ئالىدىغان.
ئالغۇچە ئالمان. بەرگۈچە بەزگەك (ماقال).
كۆچمە. ئوۋدا سالغاننى ئالىدىغان؛ ئالغۇر.
ئالمان قۇش.
بۇر قارچىغا ناھايىتى ئالمان چىقتى.