Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئالدىراقسانلىق
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئالدىراڭغۇنىڭ قىلىقى، ئالدىراقسان ھالەت.
«قىلماق» بىلەن پېئىللىشىدۇ.
ئالدىراڭغۇلۇق ئىش بۇرىدۇ. دوست تۇتۇشتا ئالدىراقسانلىقتىن ساقلان. شاتراقلىق قىلغان پۇشايمان قىلار.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
ئالدىراڭغۇ - ئالدىراقسان ئىللەت.
سەۋرچانلىق
سەۋر - تاقەتلىك خىسلەت.
سەۋرچانلىق غەلىبە قازىنىشنىڭ كاپالىتى. سەۋرچانلىق بىلەن قۇتۇلىسەن، ئالدىراقسانلىق بىلەن تۇتۇلىسەن. ئىش چىدام بىلەن پۈتەر، ئالدىراڭغۇلۇق بىلەن پۈتمەس.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئالدىراقسانلىق ھالەت، مىجەز؛ ئالدىراڭغۇلۇق.
ئالدىراقسانلىق قىلماق.