Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئالدىراڭغۇلۇق
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئالدىراڭغۇنىڭ قىلىقى، ئالدىراقسان ھالەت.
«قىلماق» بىلەن پېئىللىشىدۇ.
ئالدىراڭغۇلۇق ئىش بۇرىدۇ. دوست تۇتۇشتا ئالدىراقسانلىقتىن ساقلان. شاتراقلىق قىلغان پۇشايمان قىلار.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
ئالدىراڭغۇ - ئالدىراقسان ئىللەت.
سەۋرچانلىق
سەۋر - تاقەتلىك خىسلەت.
سەۋرچانلىق غەلىبە قازىنىشنىڭ كاپالىتى. سەۋرچانلىق بىلەن قۇتۇلىسەن، ئالدىراقسانلىق بىلەن تۇتۇلىسەن. ئىش چىدام بىلەن پۈتەر، ئالدىراڭغۇلۇق بىلەن پۈتمەس.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئالدىراڭغۇ ھالەت، مىجەز، ئالدىراقسانلىق.
ھېزىمنىڭ ئالدىراڭغۇلۇقىنى بىلگەن ھاشىم ئاكا كۆڭلىگە بىر ئىشنى پۈكۈپتۇ.