ئاھاڭداش سۆزلەر
سۈپەت.
چار، چىپار، ئالا - بولا.
ئالا ئىنەكنىڭ بالىسى چالا قۇيرۇق (ماقال). ھايۋاننىڭ ئالىسىتېشىدا، ئادەمنىڭ ئالىسى ئىچىدە (ماقال). * ئابرويۇم ئالا چاپان (ماقال). * ئاتنىڭ يامىنى ئالا، خوتۇننىڭ يامىنى يالا (ماقال).
ئاھاڭداش سۆزلەر
سۈپەت.
خام - خۇتا، چالا پىشقان.
ئاشنىڭ ئالىسى قورساق ئاغرىتار، كۆڭۈلنىڭ ئالىسى ئادەم ئۆلتۈرەر (ماقال). * ئۆرۈك ئۆرۈكنى كۆرۈپ ئالا بوپتۇ (ماقال).
دائىرە: چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى= ئالاي.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئاستا، ئالدىرىماي: ئالا - ئالا - ئاستا - ئاستا.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئاق - قارا ئارىلاشقان، بىر خىل ئەمەس،
ئاتىغا بالىنىڭ ئالىسى يوق. ئادەمنىڭ ئالىسى ئىچىدە، ھايۋاننىڭ ئالىسى تېشىدا. ئالا ئىنەكنىڭ بالىسى چار قۇيرۇق. چىپار ئات چىرايلىق كېلىدۇ.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
پىشۇرۇلمىغان، پىشمىغان.
چۆچۈرىنى خام ساناپتۇ. بالا خام بولسا، ياردىن يانىدۇ، ئاش خام بولسا گالدىن. كالا گۆشىنى چىكى يېيىش زىيانلىق. توڭ قوغۇن تەمسىز بولىدۇ. ئاشنىڭ ئالىسى قورساق ئاغرىتار، كۆڭۈلنىڭ ئالىسى ئادەم ئۆلتۈرەر.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
پىشمىغان؛ پىشۇرۇلمىغان ياكى چالا پىشقان، چالا پىشۇرۇلغان.
پىششىق
پىشقان ياكى پىشۇرۇلغان.
قوغۇنلۇققا ئوغرى كىرسە، يا پىششىقىنى قويماس، يا خەمىكىنى. چۆچۈرىنى خام ساناپتۇ. خام - خۇتا تاماق بەدەنگە زىيانلىق. سۆزنىڭ پىششىقى ياخشى، ئاشنىڭ ئىسسىقى. بالا خام بولسا ياردىن يانىدۇ، ئاش خام بولسا گالدىن. ئۈرۈكنىڭ ئالىسى قورساق ئاغرىتىدۇ، ئاش ئالا بولسا، مېھمان ئاغرىنىدۇ.
دائىرە: تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرىئالا، پېسە، ئادەم.
ئالا ئات _ ئالا ئات. بەگ خانقا ئالا بولدى _ بەگ خانقا ئالىلىق قىلدى، ئۇنىڭدىن يۈزس ئۆرۈپ، دۈشمەن تەرەپكە ئۆتۈپ كەتتى.
1 - 111
دائىرە: تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرىئالا.
پەرغانىگە يېقىن بىر يايلاقنىڭ نامى. ئالا يىغاچ _ ئالا ياغاچ. چېگىرىدىكى بىر جاينىڭ نامى.
1 - 111
دائىرە: تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرىئالا، بەدىنىدە ئېقى بار ئادەم. ماقالدا مۇنداق كەلگەن: كىشى ئالاسى ئىچتىن يىلقى ئالاسى تاشتىن _ ئادەمنىڭ ئالىسى ئىچىدە، ھايۋاننىڭ ئالىسى تېشىدا. بۇماقال يېقىملىق كۆرۈنۈپ، دىلىدىكى يامان نىيتىنى يوشۇرغۇچىلارغا قارىتىپ ئېيتىلىدۇ.
1 - 123