Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئاگېنت
مەنىداش سۆزلۈكلەر
بىراۋنىڭ ياكى گۇرۇھنىڭ تاپشۇرۇقىنى ئورۇنلايدىغان كىشى.
<گۇماشتا>،< ئاگېنت> كۆپىنچە سەلبىي مەنىدە كېلىدۇ.
ۋەكالەتچى ۋەكالەت بەرگۈچىنىڭ تاپشۇرۇقىنى ياخشى ئورۇنلاپ، ئۈمىدىنى ئاقلىشى لازىم. جاھانگىرلارنىڭ گۇماشتىلىرى جاھانگىرلارنىڭ مەنپەئىتى ئۈچۈن ئىشلەيدۇ.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
دۆلەت، تەشكىلات ۋە شەخسنىڭ مەخپىيىتى، ئىش _ ھەرىكىتى ۋە ئەھۋالىنى ئىگىلەشكە، پايلاشقا تەييارلىغان ۋە قويغان كىشى.
جاسۇس جان ئالىدۇ. ئىشپىيوننىڭ ئىشتىھاسى چوڭ. ئاشكارا ئىشقا تىڭچىنىڭ نېمە كېرىكى؟ مۈشۈكنىڭ بېلىققا پايلاقچى قىلساڭ، بېلىقنىڭ يوقىلىش خەۋپى بار. قۇلاق قۇلاقنى تىنجىتماس. گومىنداڭ ئاخباراتچىلىرى تىملاندى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
روسچە<لاتىنچە
بىرەر تەشكىلات، مۇتەئەسسە قاتارلىق ئورۇنلارنىڭ مەلۇم ۋەزىپىنى ئۆتەش ئۈچۈن بەلگىلەنگەن ۋەكىلى.
باشقىلار تەرىپىدىن قويۇلغان، شۇلارنىڭ مەنپەئىتى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان شەخس.
بۇرژۇئازىيە ئاگېنتلىرى.
بىرەر دۆلەت رازۋېدكىسىنىڭ مەخپىي خادىمى، جاسۇس، ئايغاقچى.