Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئاينۇلارغا يۈرۈش قىلغۇچى باش سىياگۇن
دائىرە: دۇنيا تارىخىياپونىيىنىڭ شوگنات باشلىقى. مىلادى 794-يىلى تېننو كانتاكى خوككايدۇدىكى ئاينۇلارغا جازا يۈرۈش قىلىش ئۈچۈن ئوتوموكومارونى ئاينۇلارغا يۈرۈش قىلغۇچى باش سىياگۇنلۇققا تەيىنلىگەن، 811-يىلى ئاينۇلار بېسىقتۇرۇلغاندىن كېيىن ئۇنىڭ ئەمىلى ئېلىپ تاشلانغان. 1184-يىلى مىنايوشىچو ئاينۇلارنى ئەمىلى ئېلىپ تاشلانغان. 1184-يىلى مىنايوشىچو ئاينۇلارنى يوقاتقاندىن كېيىن، ئاستانىگە چاقىرتىلىپ مەزكۇر ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەن. تېننو شىراكاۋ ئۆلگەندىن كېيىن مىناورىتومۇ 1992-يىلى مەزكۇر نامغا ئېرىكشەن ۋە شوگنات ھاكىمىيىتىنى بەرپا قىلغان. كېيىن ئاشىكاگا، توكۇكاۋالار بۇ نامنى داۋاملىق قوللىنىپ، ھاكىمىيەتنى ئىگىلەپ ئەڭ ئالىي ئەمەلدار بولغان. 1867-يىلىغا كەلگەندە مۇنارخىيىلىك تۈزۈمنى تىرىلدۈرۈش بۇيرۇقى چىقىرىلغاندا بىكار قىلىنغان.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–ئۇيغۇرچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.