Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئاينى
ئاھاڭداش سۆزلەر
پېئىل.
ئاينىماق، ئاينىش. 1 . ئۆزگەرمەك، بۇزۇلماق، ئۆڭمەك.
ئاينىغان ئۇنسۇر. * ئاينىغان دوست دوست ئەمەس (ماقال). * تۇزسىز گۆش سېسىيدۇ، ئىشسىز ئەر ئاينىيدۇ (ماقال).
2 . تانماق، يانماق، قايتىۋالماق. ئۇ گېپىدە تۇرمايدۇ، بىر دەمدىلا ئاينىپ قالىدۇ.
3 . قەي قىلغۇسى كەلمەك، كۆڭلى ئېلىشماق. كۆڭلۈم ئاينىپ تۇرىدۇ.
ئاھاڭداش سۆزلەر
پېئىل.
ئاينىماق، ئاينىش. ئاۋۇماق، تۇتماق، كۆپەيمەك.
كۆچەتلىرىمىز تازا ئاينىدى.