Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئاغىر
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
ۋەزمىن، ئېغىر.
قىممەت.
سالماقلىق.
كۆچمە م: ئۆزىنى تۇتۇشنى بىلىدىغان.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
قىممەت، قەدىر؛ ئاغىرمال - قىممەت باھالىق مال؛ كىشىگە تىل ئاغىرلار - تىل كىشىنىڭ قەدرىنى ئاشۇرىدۇ؛ ئاغىر ساتقۇچى - قىممەت باھالىق نەرسىلەر ساتقۇچى.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
بىراۋنىڭ ئۇلۇغلۇقنى، پاكلىقنى چۈشىنىپ، ئۇنى ئالقىشلاش تۇيغۇسى.
ھۆرمەت چوڭ بايلىقتىنمۇ قىممەت. ئادەمنىڭ ھۆرمىتىمۇ، خورلۇقىمۇ ئۆزىدىن. ئۆز ئىززىتىنى بىلىش ھەممىدىن مۇھىم. ئەر قەدىرىنى ئەر بىلەر، زەر قەدىرىنى زەرگەر. ئادەمنىڭ بۆكىنىڭ قىممىتى بېشىنىڭ قىممىتىگە تەڭ كەلمەس. ئىنساننىڭ قەدىر - قىممىتى خالىس ئىش قىلىش بىلەن ئۆلچىنەر. ئېتىبارىڭ بولمىسا، زىبالىقىڭدىن نېمە پايدا.
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
ئېغىر.
ئاغىرلىغ كىشى _ خەلق ياكى بەگ ئالدىدا قەدىرلىك كىشى. تەڭرى مەنى ئاغرلادى - تەڭرى مېنى ئەزىز قىلدى. ئاغىر ئازاق ئەمرۈلدى _ ئېغىر ئادەم ئاستا ماڭسىمۇ، تىنچىدى، يەنى «قەدىمى ئېغىر ئادەم ئاستا ماڭسىمۇ، مەنزىلگە يەتتى» دىمەكچى.
1 74
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
ئاغىر ناڭ _ قىممەتلىك (قىممەت باھالىق) نەرسە.
1 - 74
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
شەرەپلىك؛ ھۈرمەتكە ئىگە
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
قىيىنچىلىق
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
قەدىرلىك، ئېزىز، ئۇلۇغ، ھۆرمەتلىك